بىز نېمىدىن قورقۇۋاتىمىز؟

مۇيەسسەر خەندان
پىلاتو ئېيتقاندەك: «بىز قاراڭغۇدىن قورقىدىغان بالىلارنى ئاسانلا توغرا چۈشىنەلەيمىز، بىراق ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي تىراگىدىيەسى ئىنساننىڭ يورۇقلۇقتىن قورقۇشىدۇر». ئېنىقسىز نەرسە بولۇش سۈپىتى بىلەن قاراڭغۇنىڭ بالىلارنى قورقۇتۇشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، چوڭلارنىڭ ئاشكارا رېئاللىقتىن، ھەقىقەتتىن، بىلىشتىن قورقۇشى ئېچىنىشلىق ھادىسىدۇر.
تۈنۈگۈن مەن ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر جەمئىيەتنىڭ باشلىقلىرى مەكتىپىمىزدە پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۈنسىز پەرياد — شەرقىي تۈركىستان» ناملىق سۆھبەت ئۈچۈن رۇخسىتىمىزنى سوراپ كەپتۇ. بۇ رۇخسەتنى نېمە ئۈچۈن سورايدىغانلىقىنى تازا چۈشىنەلمەي ھەيران بولۇۋىدىم، بۇنىڭ جاۋابىدىن چۆچۈپ كەتتىم. باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوخشاش پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بەزى ئۇيغۇر بالىلار بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئېتىراز بىلدۈرگەنىكەن، شۇڭا بىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەنسىرىشىمىز بولسا، پائالىيەتنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، مەن: «شۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئاتالمىش ئوقۇۋاتقان، يەنى ئەقلى جايىدا ھېسابلىنىدىغان بالىلار قانداقلارچە ھېچقانداق نومۇس تۇيغۇسى ھېس قىلماي بۇ ئېتىرازنى تۈركلەرگە بىلدۈرەلىگەندۇ» دەپ ئويلىدىم. ئەجابا، خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە ۋەتىنىمىز توغرۇلۇق پائالىيەت بولغىنىنى بىلىپ قېلىپ، ئۇلارغا ياكى ئائىلىسىگە زىيان سېلىشىنى ئويلىغانمىدۇ؟ ياكى بۇ پائالىيەت بولمىسا، خىتاينىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ؟ ئۇ يان ئويلاپ – بۇ يان ئويلاپ، بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالمىدىم.
كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىق كىچىك بالىلار قاراڭغۇدىكى قورقۇنچىنى يەڭگەندەك، كۆزىمىزنى چىڭ يۇمۇۋالغانغا غايىب بولمايدۇ، ۋەتەندە ئىڭراۋاتقان مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاۋازىنى توسۇشقا خىتاينىڭ ۋاسىتىلىرى يېتىپ ئېشىۋاتقان شارائىتتا، بىزنىڭ قوللىرىمىز، بىزنىڭ تىللىرىمىزمۇ بۇ ئاۋازلارنى كەلگەن يېرىگە قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، بۇنىڭ خائىنلىقتىن ھېچ پەرقى قالمايدۇ. ساتقىنلىقنىڭ تۈرلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپىيىۋاتقان، تېخى تۈنۈگۈنلا ۋەتەنپەرۋەر سانالغانلارنىڭ بۈگۈن خائىن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا يېڭى – يېڭى تۈرلەرنى پەيدا قىلىش، بىز ئۈچۈن كىچىككىنە ئىش قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا نومۇسسىزلارچە توسالغۇ بولۇش ئەقلىمىزگە پەقەت «خائىن بولۇش ئۈچۈن دۆت بولسىڭىز يېتەرلىك» دېگەن سۆزنى سالىدۇ.
ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن تۈرىنى ياشاۋاتقان بىزلەر يەنە نېمىدىن قورقۇۋاتىمىز؟ يەڭنى تۈرۈپ، جاننى ئالىقانغا ئالىدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ ۋەتەنگە قايتىش سەۋدالىرى ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلار (يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۆزىگىمۇ يول ئېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار) مەسىلىسى ھەققىدە نۇرغۇن يازمىلار يېزىلىپ، كۆپىنچەيلەن ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇلار ھەققىدە ھۆكۈم پىچىلمىسىمۇ، ھەركىمنىڭ (كەتكەنلەرنىڭمۇ) كۆڭلىگە بەش قولدەك ئايان. شۇنچە يىللاردىن بېرى دېيىلىۋاتقانلارنى بىر تىيىن قىلىۋاتقان، خىتاينىڭ ئويۇنلىرىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ يېنىغا كىچىكلىكىدىكى قاراڭغۇلۇق ۋەھىمىسىنى يورۇقلۇق سۈرىگە ئالماشتۇرغانلارنىڭ قوشۇلۇشى ئەركىنلىكنىڭ كۆز ئالدىمىزدا پۇلاڭلاۋاتقان قوللىرىنىمۇ ئېگىز قىيالارغا يۆتكەيدۇ. ئۇلارغا دەيدىغىنىمىز شۇكى: «سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇۋالسىڭىز يۇمۇۋېلىڭ، سىز قۇلىقىڭىزنى ئېتىۋالسىڭىز ئېتىۋېلىڭ، لېكىن ھېچكىمنىڭ سۆزلەيدىغان ئېغىزىنى، ئاڭلايدىغان قۇلىقىنى ئېتىۋالىدىغان ھەققىڭىز يوق! ئۇنتۇماڭكى، بىر كۈنى سىزنىڭ ئېغىزىڭىزمۇ ئۆز قوللىرىڭىز بىلەن ئېتىلىدۇ، سىزنىڭ ئاۋازىڭىزمۇ قارا باسقاندا ئۇرۇنغانلىرىڭىزدەك ئورۇنسىز تىركىشىشلەر ئىچىدە ئۆچۈرۈلىدۇ».

جاۋاب يېزىش