بىز كىمگە ئىشىنىمىز؟

دىلدار ئەزىز

يېقىندا خىتاي ئىستىخبارەت ئورگىنىڭ بىر خادىمىنىڭ، مەلۇم خىتاي دىمپوكراتچىسنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولۇپ قىلغان تىلفون سۆزلىرى  جىاڭ گۇاڭ يۈ ئەپەندىنىڭ ئىكرانى ئارقىلىق جامائەتكە ئاشكارىلاندى.

بۇ ئۇچۇردا: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاخبارات خادىملىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا  ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلار ئىچىدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلارنى يۇقۇرى مۇئاش بىلەن ئىشقا ئېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇنىڭدىن بۇرۇن كىشىنى ھەيران قالدۇرغان، تىگىگە يەتمەك تەس بولغان سىرلار يۇرۇغلۇققا چىقتى. ئۇلار ئاشكارا ھالدا ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئايدا 40 مىڭ ياۋرو  بىرىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلاردىن بىرنى كۆپەيتسە،  ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئايرىم مۇكاپات بىرىلىدىغانلىقى ئاشكارىلىدى.

بۇلارغا قويۇلغان تەلەپلەر شۇكى: شەخسىي يۇتۇپ قانىلىدىكى ئاخباراتچىلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قارىتىلغان تەنقىدنى ئەڭ ئاز قىلىش، ئەمما شى جىنپىڭغا قارىتىلغان تەنقىدنى قەتئىي قىلماسلىق؛ ئەكسىچە، ئۇلار تەيۋەن ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي جەھەتتىكى كەمچىلىكلىرىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق،  شۇ دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار يەنە تېخىمۇ كۆپ ساختا خەۋەرلەرنى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ راست بىلەن يالغاننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئاخبارات ساھەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش  قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا،  بۇ ئاخباراتچىلار دائىم جۇڭگوغا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋە ۋە تەربىيەلىنىش ئۈچۈن بېرىپ تۇرىىشى كىرەككەن. بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ  ئىچىدە مۇشۇ سەپكە كىرىپ قالغان قانچىلىكتۇ؟ مەن مۇشۇلارنىڭ ئويلاۋېتىپ گەجگەمنى سوغۇق تەر باستى.  بىز كىمگىمۇ ئىشىنەرمىز؟

ئۇچۇر مەنبەسىى:

炸裂內幕:大外宣價碼、紅線、黑名單一次說清!油管華語自媒體大塌方,他們竟都是黨的人!『習主席不能罵』,大外宣紅線一通電話全說了!『新聞最嘲點 姜光宇』2025.1220

جاۋاب يېزىش