گۈلنۇر ئابدۇرسۇل
ئەڭ ئىغىر ھەسرەتتۇر سىغىنىش دىگەن،
جۇدۇندا يىغلايدۇ كونا خىياللار.
زىمىستان ئاستىدا قالغان ياپراقتەك،
بىچارە كۆڭۈلنى يىرتىپ شاماللار.
ئەڭ ئىغىر ھەسرەتتۇر سىغىنىش دىگەن،
بىر مىنۇت بەزىدە ئۆتەر مىڭ يىللاپ ،
ھەر كىچە ياستۇقتا ئۆلگەن چۈشىمىز
بىخ ئۇرار سەھەردە ئۈمۈتنى چىللاپ.
ئەڭ ئىغىر ھەسرەتتۇر سىغىنىش دىگەن،
دات باسقان كۆڭۈللەر باھار سىغىنار
مۇزلىغان كۈلكىلەر ، بوغۇلغان نەپەس.
ھۇقۇشتەك يالغۇزلۇق، سۇدا بوغۇلار…
ئەڭ ئىغىر ھەسرەتتۇر سىغىنىش دىگەن
قان تامچىپ قەلەمدىن شىئىر پۈتىدۇ.
جۇدالىق لەيلەيدۇ ياتنىڭ شەھرىدە،
يىراقتىن، ۋەتەندىن سالام كۈتىدۇ…
2025.10.5
