ئايگۈل» تامچە»
ئەجەپلا بىر زامان بولدى،
ئەقىل ۋىجدانغا باقمايدۇ.
ئادالەت ئېقىنى تاشقىن،
ئادىللىق سۈيى ئاقمايدۇ.
بېقىنغا تەگدى مىڭ دەررە،
تېقىمغا زەخمە يەتمەيدۇ.
جاھانغا تولدى «بەرىكەت»،
غېرىپنىڭ دەردى كەتمەيدۇ.
ئاشىقلار كۈيلىرى كۈرمىڭ،
كۆڭۈل سىرىنى ئاچمايدۇ.
ئەقىدە تېمىسى تۇرۇپ،
ئەجەپ يۈرەككە ياقمايدۇ.
كېلىشلەر تۆكسىمۇ قان-ياش،
كېتىشلەر ئەلنى ياتلايدۇ.
تۈنۈگۈن سۆككىنى تارىخ،
بۈگۈندە نەچچە قاتلايدۇ.
