سارغايغان سېغىنىش

ئاپتورى: گۈل

سېغىنىشنىڭ رەڭگى ساپ- سېرىق ،
يېلىنجايدۇ چوغدەك يۈرەكتە.
كۆز يەتمەيدۇ، ۋە ياكى قەدەم،
سىغىنساممۇ  كىرمەيدۇ چۈشكە .

سېغىنىشنىڭ تەمى بەك قىرتاق،
شۇرۇلدايدۇ ئاچچىق قان تەندە،
جىسمىم  يۈرەر  يات ئەلدە  لەيلەپ،
ئوي – خىيالىم  كىزەر  ۋەتەندە.

يېزامدىكى  بىر تۈپ دەرەخمۇ،
يىغلىتىدۇ مىنى  نەچچە  تۈن.
لاي- لاي ئېتىپ ھەيدىگەن خامان،
ئۇپۇقلارغا تۇتاشقان يۇلغۇن…

تونۇر بېشى، مىھىرلىك خوشنام،
لاي ئېرىقتا ئوينىغان ئوغول.
يەرگە چۈشكەن بىرتال ياپراقمۇ،
يۈرىكىمنى تىترىتەر دىر-دىر.

ئاتىسىدىن ئايرىلىپ بىر يىل،
يىغلايدىكەن مۇساپىر مىڭ يىل.
يېتىمسىراپ ، مۇڭلىنىپ ئۆتتى،
قانلىق ياشتا بۇ مىسكىن  كۆڭۈل.

2025.7.28

جاۋاب يېزىش