ئۆمرۈمدىن يۈتتى غۇنچە بوي بىر قىز

راھىلە كامال
ئۇنىڭ كۆزلىرى يولۇمدا قالدى،
كۆزىنى يۇمۇپ يولۇمدىن ئۆتتى.
قولۇمنى سۇندۇم ھېچ تۇتالمىدىم،
ئايىقىم ئېغىر يا ماڭالمىدىم.
قىزىڭىزغا قاراڭ ،دېگەچ ئۆتتى ئۇ،
سىزدە مەن بارغۇ دېگەچ يۈتتى ئۇ.
ئۇنىڭغا ئەگەشتىم بالىلىقىمدەك،
يىراق بىر يەردە مېنى كۈتتى ئۇ.
ئالما گۈللۈك كۆينىكىدە،
ئالمىلارنى تېرەتتۇق بىرگە،
پۇراپ،پۇراپ مېنى ئالمىدەك،
تىزار ئىدى ھەم ئېتىكىگە.
دادام ئۇنى «غۇنچە بوي» دەيتتى،
بويىمۇ غۇنچىدەك چىرايلىق ئىدى.
ئۇ قىز، غۇنچە قىز ،غۇنچە بويلۇق قىز،
مېھىرگە، مېھنەتكە چىلاغلىق ئىدى.
كۈز پەسلىگە ئامراق ئىدى ئۇ،
كۈزنىڭ رەڭدارلىقى ئوخشار ئۇنىڭغا.
سارغىيىپ پىشقان كاۋىلار بىلەن،
سىردىشىپ كېتەتتى چۈشۈپ پاراڭغا.
سۇلۇپ قالسا يازلىق گۈللىرى،
ئۇھسىنىپ قالاتتى بېقىپ تۇرقىغا.
موللاقىز، پىكۇس، تالگۈللىرىنى،
باشلايتتى ئەڭ ئاۋۋال مېھمانخانىسىغا.
ھويلىغا چۈشكەن غازاڭلارنىمۇ،
سۈپۈرمەي تېرىپ ئالاتتى يەردىن.
خۇددىي غازاڭلار رەنجىيدىغاندەك.
ئۇ كۈزنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش،
كۈزمۇ ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدى،
شۇنداق چىرايلىق كۈزنىڭ بىر كۈنى،
ئېلىپ كەتتى كۈز ئۆيىگە ئۇنى.
ئاھ رەڭلەر جۇلاسىز قالدى ئېھتىمال،
مادارسىز قالغاندەك يۈرەكتىكى جان،
تۆكۈلدى كاۋىلار باراڭدىن بەلكىم،
كۆزۈمدىن نۇر قېچىپ، تۆكۈلگەندەك قان.
ياپراقلار تۆكۈلدى ئۆمرۈمدىن مېنىڭ،
ياپراقلار تۆكۈلدى كېچىدىن سەھەر،
گۈللەر يۈتكەندەك دۇنيادىن گويا،
يەتمەك ئىستىكىم بولدى خىيالدەك.
باھارلار قىشلارنىڭ قالدى قوينىدا،
كېچىدىكى مۇڭلۇق ھىلالدەكلا،
يورۇيمەن سىزنى سېغىنسام ئانا.
ئالدىمدىن ئۆتتى غۇنچە بوي بىر قىز،
ئەگىشىپ ماڭدىم ئۇنىڭ كەينىدىن،
ئۇ قىزنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇپ ناتىۋان بىر قىز،
ماڭا قاراپ ئۈمچىيىپ ئۆتۈپ كەتتى تېز.
يىغلىماڭ ساقام، يانچۇقۇم قۇرۇق،
بىز تەرگەن بىرەر تال ئالمىدىنمۇ يوق،
يىغلىماڭ ساقام، كۆڭلۈم بەك سۇنۇق.
ياشاڭ سىز بولسىڭىزمۇ ئازاپتىن يىراق.

جاۋاب يېزىش