توختا، قۇيۇن!

ئايگۈل»تامچە»
ئارمىنىمغا چاڭ سالمىغىن تەتۈر شامال،
چۈشلىرىمنى ئۆز ئەركىڭدە كۆمسەڭمۇ گەر.
قارا بوران ئۆرەلمىگەن تاغلار بىزنىڭ،
بىزنى شۇنداق تاۋلاپ چىققان شۇ ئانا يەر.
كۆرەڭلىمە باغلىرىمدا تەتۈر قۇيۇن،
گۈل -غۇنچەمنى ھىچ سوراقسز دەسسەپ چەيلەپ.
باھارسزمۇ ئۈنگەن گىياھ بويۇن ئەگمەس،
يبلتىزى ساپ چىقار ھامان قايتا كۆكلەپ.
سىپاپ چىقتىڭ يەر -زىمىننى ھېچ ھېيقماي،
تىز پۈكتۈرۈپ بەردەم ئەرنى قىلىپ خام ئاش.
ئۆزەڭ بىلەن ئەخلەتلەرنى سۈپۈرگىنىڭ،
بولدى پەقەت بىزلەر ئۈچۈن تاللاش- تاۋلاش.
بىللەلمىدىڭ قىش نۆۋىتى كېلەر باھار،
ئۇچۇرغىنىڭ پەقەت سېنىڭ دۆۋە غازاڭ.
سەن يايرىغان پەسىل مەزگىلىدۇر بىلسەڭ،
قۇياش كۈتكەن ئۈمۈتلەرگە ياردۇر دەۋران.

جاۋاب يېزىش