ئىدىيە فاشىستلىقى شەيتاندۇر

قۇدرەت بارات
«مەن ئويلىغاندەك ئويلىمىساڭ مەن سەندىن ئادا-جۇدا» دەپ ئويلاش ئىلىم-مەرىپەتتىن ئۇزاق كىشىلەرگە ياراشقان بىلەن، ئوقۇغان، ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرگە ھەرگىز ياراشمايدۇ. كىشىنىڭ ئىلىم سەۋىيەسى ۋە ئاڭ-تەپەككۇرى ئاشقانسېرى باشقىلارنىڭ مەلۇم مەسىلىلەردە ئۆزىگە ئوخشاش ئويلىماسلىقىغا بارغانچە كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلالايدىغان بولىدۇ.
بۇ ھەرگىزمۇ ھارامنى ھالالغا چىقىرىدىغان، ئەخلاقسىزلىقنى توغرىغا چىقىرىدىغان، بىدئەتنى سۈننەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى مەقسەت قىلغان «پىكىر»لەرگە سۈكۈت قىلىپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم، دېگەنلىك ئەمەس.
شەخسىي تەجرىبە ۋە ئۇزاق ئويلىنىش، تەھلىل قىلىش سەۋەبلىك براۋدا پەيدا بولغان، دىنىي ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا تاقاشمايدىغان كۆز قاراشلارغا زىيادە كەڭ قورساق بولۇش لازىم. بۇ خىل شەخسىي كۆز قاراشلارنى قارشى تەرەپنىڭ ئەركىنلىكى دەپ قاراپ، ئۇ خىل كۆز قاراشلارغا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىش لازىم.
ھالالنى ھارامغا، بىدئەتنى سۈننەتكە، ئەخلاقسىزلىقنى پەزىلەتكە چىقىرىدىغان پىكىر-كۆز قاراشلارغا غىڭ قىلماي جىم تۇرۇۋېلىپ، دىنىي ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا تاقاشمايدىغان شەخسىي كۆز قاراشلارغا ئۆكتە قوپىدىغان ناباپ ھادىسىلەر جەمئىيىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
دىندىكى پىرىنسىپال مەسىلىلەرگە ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە چېتىلمايدىغان ئىشلاردا براۋنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئويلىمايدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى ئۆچ كۆرۈپ قېلىش كىشىدىكى جاھالەتنىڭ ئاشكارە ئىپادىسىدۇر.
بىر مەسىلە ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدەنمەستىنلا ئۇ ھەقتە مۇئەييەن «قاتقان» چۈشەنچىگە كېلىۋېلىش — ۋېلسىپىت مىنەلمەيدىغان تۇرۇپ موتسىكلېتقا مىنىۋالغاندەكلا خەتەرلىك ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.
مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش، پىكىر-يۈرگۈزۈش — ئىنساننىڭ ئىنسان بولغىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپادىسىدۇر. بىر مىللەتتە ھەر قايسى مەسىلىلەر ھەققىدە ئاۋۋال ئىزدىنىش، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈش خاھىشى ئومۇملاشسا، ئۇ مىللەت ئەقلىيلىشىش ۋە يۈكسىلش يولىدىكى بەخىتلىك مىللەتتۇر.
ئەكسىچە، بىر مىللەتتە مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدەنمەي تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىزدەنگەن تۇرۇپ پىكىر بايان قىلماي تۈگۈلۈپ تۇرۇۋېلىش خاھىشى مەۋجۇت بولسا، بۇنداق مىللەتنىڭ بۈگۈنى پالەچلىك، كەلگۈسى خاراپلىق بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.
بىر مەسىلە ھەققىدە ئىزدەنمىگەن كىشىنىڭ، ئۇ مەسىلە توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشتىن ئۇزاق تۇرۇشى شەرت. بىر مەسىلە ھەققىدە ئىزدەنگەن كىشىنىڭ ئۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىشى شەرت. ھەر قايسى مەسىلىلەر ھەققىدە — ئۇ مەسىلىلەر ئەخلاققا ۋە دىندىكى ئوچۇق دەلىللەرگە تاقاشمايدىغانلىكى ئەھۋالدا — ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان پىكىردە بولغۇچىغا قۇچاق ئېچىش مەرتلىكتۇر، ئىلمىيلىكتۇر ۋە كەڭ قورساق بولغانلىقتۇر.
ئىلىم-مەرىپەتنى راستتىنلا چوڭ بىلىدىغان كىشىلەر ھەتتا بىر مەسىلە ھەققىدە ئۆز پىكىرىگە ئوخشىمايدىغان رەۋىشتە ئىلمىي پىكىر قىلالايدىغان كىشىلەرنى ئۇ مەسىلە ھەققىدە دەرھاللا ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋالىدىغان كىشىلەردىن بەكراق ھۆرمەتلەپ ياخشى كۆرىدۇ.
«ماڭا ئوخشاش ئويلىمىساڭ مەن سەندىن ئادا-جۇدا» خاھىشى شەيتانىي خاھىشتۇر. بۇ قىلمىشنىڭ ئىسمى «ئىدىيە فاشىستلىقى» بولۇپ، «ئىدىيە فاشىستلىقى» — ئەخلاقسىزلىق، قارا قورساقلىق ۋە جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىگە ئوخشاش ئويلىمىغۇچىنى يەكلەش، چەتكە قېقىش ۋە سۆكۈش ئىدىيە فاشىستلىرىنىڭ ئايرىلماس خاراكتېرىدۇ.
مىللەتنىڭ ئەقلىي ۋە پىكرىي يېتەكچىلىرى بولغان دىنىي ۋە پەننىي زىيالىيلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە پىكىر قىلغۇچىلارنى چۈشىنەلىشى ۋە باغرىغا باسالىشى سەۋەبلىك مىللەتتە نۇرغۇنلىغان ئىجابىي يۈزلىنىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ.

جاۋاب يېزىش