يىغلىغۇسى كەلدى يۈرەكنىڭ

گۈلنۇر ئابدۇرسۇل

يىغلىغۇسى كەلدى يۈرەكنىڭ,

تەسەللىگە يۈرەك تاپالماي،

توققۇزى تەل داستىخاندىكى,

قىزىق چايمۇ، يۈرەككە بارماي.

يىغلىغۇسى كەلدى يۈرەكنىڭ،

ئاتا- ئانا باغرىغا قانماي.

مۇساپىرنىڭ يۈرىكى سۇنۇق ,

ئۆمۈر ئۆتتى، قاداق تۇتالماي..

يىغلىغۇسى كەلدى يۈرەكنىڭ،

بالام دەپلا ياشاپ بولالماي،

زەپىراندەك سارغايغان كۆڭۈل ,

سىغىنىشتا تۆكۈلدى، ھارماي…

يىغلۇسى كەلدى يۈرەكنىڭ،

يىراقلارغا سالام دىيەلمەي، قەدىردانلار سالامەتمىدۇ؟

ئۆتتى يىللار ،خەۋەر ئالالماي…

2025.6.6

جاۋاب يېزىش