ئابدۇۋالى ئايۇپ
—– سىڭلىم ساجىدە ئايۇپقا بېغىشلايمەن.
جان كۆيەر سىڭلىم، ئاكام ۋە باشقا تۇغقانلار بىلەن تۇتۇلغانغا 8 يىل بولدى.
سەككىز يىلدىن بۇيان سىڭلىمنىڭ گۇۋاھلىقىنى چىقىرىپ باقمىدىم. مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردىم، ئەمما ئۇنىڭ رەسىمىنى بىر قېتىممۇ كۆتۈرۈپ چىقمىدىم. بۇ مېنىڭ بەكمۇ ئالى جاناپ بولۇپ كېتىپ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇشنى سىڭلىمدىن ئەلا بىلگىنىمدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەسىمىگە تىك بېقىپ قارىيالمىغانلىقىمدىن، ئۇنىڭ ئىسمىنى ياش تۆكمەي تۇرۇپ تىلغا ئالالمىغانلىقىمدىن، ئۇنىڭ ئاكىسى ئۈچۈن پىدا قىلغان ياشلىقىغا يۈز كېلەلمىگەنلىكىمدىن بولغان.
خىتايغا تېتىيمەن. تاغدەك تۆت ئاكىسىنىڭ قۇچاقلىرىدا چوڭ بولغان، ھاياتىدا بىر ئادەم تاك قىلىپ چېكىپ باقمىغان، رەھمەتلىك دادام بىر قېتىممۇ ئالىيىپ قاراپ باقمىغان، ئانام ئالقىنىدىكى سىماپتەك ئەتىۋارلاپ باققان سىڭلىمغا سەككىز يىلدىن بۇيان سالغان قاماق ئازابىنىڭ، ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتىنى ياتاقلىق مەكتەپتە تىلسىز قويغاننىڭ بەدىلىنى ئۆتەيدۇ خىتاي.
بۇ جان بۇ تەندە ئامان بولىدىكەن، سىڭلىمدەك مىڭلىغان سىڭىللارنى، ئاچامدەك يۈز مىڭلغان ئاچىلارنى، ئاكامدەك تۈمەنلىگەن ئاكىلارنى، ئانامدەك ئاق چاچلىق، دادامدەك ئاق ساقاللىقلارنى قىينىغان خىتايدىن قىساسىمنى ئالىمەن. خىتاي خۇددى سوۋېتتەك، يۈگۈسلاۋىيەدەك، گېتلىر ئىمپىرىيەسىدەك قان قىساسىمىزغا بوغۇلۇپ ھالاك بولىدۇ.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
يامغۇر ياغار تارام تارام،
چاقماق تۈنگە بەرمەس ئارام،
يىرتىپ ئاسمان پەردەسىنى،
چىقتىڭ سىڭلىم سەن دىلئارام.
چىقتىڭ تۈندىن سەن دىلئارام،
تىرناقلاندى يەنە يارام،
چىقتىڭ ئىشكەل، كىشەن بىلەن،
چاقالماي جان بولدى ھارام.
چاقماق ئۆچتى، ئۆچتۈڭ شۇئان،
چارەسىزلىك ئاچتى پايان،
تۈن باغرىدا سۇنۇق قانات،
تەنھا قۇشمەن زەپ ناتىۋان.
