ئۇيغۇر روھىنىڭ ھېيىت مەدەنىيىتىدىكى نامايەندىسى

ئامىنە ۋاھىت
بىز ئۇيغۇرلار ھېيىتنى نىمە ئۈچۈن بۇنچىلىك مۇھىم بىلىمىز؟
» ھېيىت كۈنى ئىشىك تاقىلىپ قالسا بولمايدۇ » دەيىتتى ئاپام دائىم .
مەن بۇ يازمامدا ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلاردىن ئۇزاق ياشىسىمۇ لېكىن ئۇيغۇرلۇقنى تۆت تامنىڭ ئىچىدە ياشنىتىشقا تىرىشىۋاتقان ، ھېيىت كۈنلىرى ئىشنىڭ ئوڭاي تەرىپنى تاللاپ، ئىشىكنى تاقاپ سىرتلارغا ساياھەتكە چىقىپ كەتمەستىن ئائىلىسى بىلەن ھېيىت ئۆتكۈزۈپ ، باللىرىغا ھېيتلىق داستىخان تەييارلاپ ، ئۇلارغا ھېيىت مەدەنىيىتىنى تۇنۇتىۋاتقان بارلىق جاپاكەش ئانىلارغا ئاپىرىن ئېيتىمەن . سىلەر بولغاچقا باللىرىمىز ۋەتەندىن ئۇزاق يەردە ۋەتەندىكىدەك چوڭ بۇلىدۇ .» بىلگەن بىلگىنىنى قىلار بىلمىگەن نىمىنى» دەپ ، باللىرىمىز بىزدىن نىمىنى ئۆگەنسە چوڭ بولغاندا شۇ بۇيىچە ياشايدۇ .
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيىتنىمۇ سېغىنىشلىرىمىزنى يۈرىكىمىزگە چىڭ تېڭىپ، ئەتراپىمىزدىكى دوسىت _ بۇرادەر ، يېقىنلىرىمىز بىلەن ھېيىتلىشبپ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىۋالدۇق .
ئىستانبۇلنىڭ مۇشۇ يېرى ئادەمگە تارتقان بارچە خاپىلىق ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۋىتىدۇ دىسەم ئاشۇرۋەتكەن بولمايمەن.
ھەر يىلى ئىككى ھېيىت ۋە رامىزان ئالدىدا كۈندۈزلىرى جاپالىق ئىشلىسەكمۇ كېچىللىرى ئالدىراش ھېيىتقا تەييارلىق قىلىمىز ، نەرسە _ كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دۇكانلىرىغا كىرگىنىمىزدە توپ _ توپ بۇلۇپ ، نۆۋەت بۇيىچە سودىلىق قىلۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆرگىنىمىزدە يۈرىكىمىز ئىللىيدۇ. ۋەتەندىكى ھېيىت تۇيغۇسى ئېسىمىزگە كىلىدۇ.
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ھېيىت ۋە رامىزان دىسە ئەڭ ئاز 10_15 كۈن بۇرۇن تەييارلىق باشلىناتتى. ئۆي كۆتۈرۈش ( ئۆيدىكى نەرسە كېرەكلەرنى يۆتكەپ ، كىگىز _ پالاسلارنى سىرتقا ئەپ چىقىپ قېقىپ ، تازلاپ قىلىدىغان چوڭ تازلىقنى بىزنىڭ يۇرتتا ئۆي كۆتۈرۈش دەيمىز ) ،
ھويلا تاملارنى ئاقارتىش ، نۆۋەت بۇيىچە ناۋاي ئۇستامنى دېيىشىپ قۇيۇپ تونۇرغا نان يېقىش ، قوشنا ئاياللار ھەمكارلىشىپ ساڭزا سېلىش ، پىشرۇقلارنى بىر _ بىرلەپ ئۆيدە پىشۇرۇش ، ئەلۋەتتە كىر يۇيۇشقىمۇ 2_3 كۈن كىتەتتى . ئۇ ۋاقىتلاردا قوش داسلىق كىرئالغۇ كۆپىنچە ئۆيلەردە يوقتى، ھەم بار بولغان بىلەنمۇ سۇ تولدۇرۇش ۋە چىققان يۈندىسىنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ قولايسىز بولغاچقا ( يۇندىنى مەھەللىدىكى ئېرىققا تۆكسەك ئۇلاغ ئىچىپ قالىدۇ دەپ ، يىراق يەردىكى يۇندا ئازگىلغا تۆكەتتۇق )، شۇنىڭ ئۈچۈن كىرنى  ئانىللىرىمىز يەنىلا قولدا يۇيۇشنى تاللايتى.
مۇشۇنداق جاپالىق تەييارلىقلاردىن كىيىن بىز كېچە ئۇخلىماي ھاياجان بىلەن ھېيىتنى ساقلايتۇق . ھېيىت كۈنى جامائەت ئالدى بىلەن مەھەللىدىكى تۇل ئايال يېتىم بالىلارنىڭ ئۆيىنى ، ئۆلۈم_ يېتىم بولغان ئۆيلەرنى پەتىلەپ ئاندىن قوشنىلار ۋە ئۇرۇق _ تۇققانلار كۈنلەرچە پەتىلىشەتتى . قۇدا _ باجىلار ھېيىت پەتىسىگە چاقىرىشاتتى. ئاداۋەتلەر يۇيۇلۇپ ، قېرىنداشلىق ، دوستلۇق يېڭىدىن كۈچىيەتتى.
كېيىن مەن ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا چىقتىم.، ئۇقۇش جەريانىدا بىر قانچە ھېيىتنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزدۈم . ئۈرۈمچىدە تۇققانلىرىمىز كۆپ بولغاچقا مەيلى سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى ھاممامنىڭ ئۆيىدە بولسۇن ، مەيلى مۇقام ئانسامبىلىدىكى ، دوستلۇق موزىيدىكى تاغامنىڭ ئۆيى ، ياكى تىببى ئىنىستۇت ، قۇرلۇش بىناكارلىق مەكتىپىدىكى نەۋرە ئاچاملارنىڭ ئۆيىدە بولسۇن ئوخشاشلا  يۇرتۇمدىكىدەك ھېيىت شاتلىقىنى كۆرۈپ ھىس قىلدىم.
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەنمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆي ئوچاقلىق بولدۇم . تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە ھېيىت قىلدىم.
رەھمەتلىك ئاپامنىڭ تېلفۇندا » ھېيىتقا تەييارلىق قىلۋاتامسىز قىزىم ؟» دىگەن سوئالىغا» ۋايجان ئاپا ھەممە نەرسە سىرتتا شۇنداق قۇلايلىقكە ، ئەكىرىپ تىزساملا بۇلىدۇ ، ھەم مىنىڭ بۇ يەردە ئۇنچە جىق تۇنۇشلىرىممۇ بولمىسا ، قوشنىلارنىمۇ تۈزۈك تۇنىمايمەن ، تۇققانلارمۇ چوڭ دىن باشلاپ ھېيىتلاشسا بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئاندىن ماڭا نۆۋەت كىلىدۇ» دەپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن جاۋاپ بەرگىنىمدە ئاپام خاپا بۇلۇپ ( يولدىشىڭىزمۇ سىزگە مېھمان ، قوشنىلارنى تۇنىمىسىڭىز ھېيىت باھانىسىدە تۇنىشىسز، ئۆيىڭىز پاكىز بولسىمۇ قايتىدىن سىرىپ _ سۈپۈرۈپ، ساڭزا سالالمىسىڭىزمۇ پىشرۇقلارنى ھەدىللىرىڭىزدىن ئۆلچەملىرىنى سوراپ ئۈگۈنۈپ، ھىچ بولمىسا قۇيماق پوشكال سېلىپ ، چىرايلىق تەخسىڭىزگە ئېلىپ قوشنىلارغا سۇنۇڭ ، ئۇلارنى ھېيتقا دەۋەت قىلىڭ ، سىزمۇ چىقىڭ ، ھېيىت دىگەن بىزنىڭ ھەم دىنى ھەم مىللىي مەدەنىيىتىمىز، ھېيىتتا ئىشىكنى تاقاپ سىرتقا چىقىپ كەتمەيمىز، مېھمان كەلسە كەلمىسە چېيىمىزنى دەملەپ، ئۈستىلىمىزنى تىزىپ ئۆزىمىز بولسىمۇ ھېيىت قىلىمىز بالام » دىگەن ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ھېيىت مەن ئۈچۈنمۇ ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاشلا مۇھىم بىلىندىغان ۋە قۇلۇمدىن كېلىشىچە ھېيىتنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغان بولدۇم.
كېيىن ۋەتەندىن ئايرىلىپ تۇنجى قۇربان ھېيىتنى ئىستانبولدا ئۆتكۈزدۇق .
بىر قانچە تۇنۇش بىلىشلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھىچكىمىمىز يوق ئىدى . بۇلۇپمۇ ئۇ ۋاقىتلاردا ۋەتەنگە كىرىپ _ چىقىپ تۇرىمىز، دەيدىغان نىيەت بولغاچقا ، ئۇيغۇرلاردىن ئۇزاق بىر مەھەللىدۈ ئولتۇراتتۇق .
تۇنۇشلاردىن ھېيىتتا نىمىش قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، تەتىلگە چىقىدىغانلىقىنى ( يەنى بىر قانچە كۈنلۈك ئائىلە ساياھىتىگە باشقا يەرلەرگە ئوينىغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى ) ، باللىرىممۇ ھېيىتتا ساۋاقداشلىرىنىڭ تەتىلگە چىقىدىغانلىقىنى دەپ ، بىزمۇ بىر يەرلەرگە بارايلى دىگىلى تۇردى .
بۇ مىنىڭ ۋەتەنسىزلىكتىكى تۇنجى ھېيتىم ئىدى . ئەگەر بۇ ھېيىتنى ئۆيدە ، ۋەتەندىكىدەك ئۆتكۈزمىسەم بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ ھېيىت ئۆتكۈزمەسلىككە كۆنۈپ قالاتتىم. ھېيىتنىڭ مۇھىملىقىنى ، ھاياجىنىنى باللىرىمغا بىلدۈرەلمەيتتىم.
باللىرىمغا ئاپامنىڭ تەلىماتى بۇيىچە ھېيىت كۈنى ئىشىكنى تاقاپ قويساق بولمايدىغانلىقىنى ۋە ھېيىتنىڭ بىرمۇنچە ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ بىرىپ ، ھېيىتقا تەييارلىق قىلىشنى باشلىۋەتتىم. تۇنجى قېتىم مايماق _ سۇيماق بولسىمۇ ساڭزا ، قىيىقچىلارنى سالدىم. قۇربانلىق قوينى باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ ئۇيغۇر قاسساپ ئۇستامغا زاكاس بەردىم . باللىرىمغا ئادەتتىكىدىن كۆپ ھېيتلىق كىيىم _ كىچەك ئېلىپ جىققىدە ھېيتلىق پۇل بەردىم. ھېيتلىق بەرگەندە پۇللارنى ئايرىپ بۇ مىنىڭ ، بۇ پالانچى تاغاڭلارنىڭ، بۇ پۇكۇنچى ھامماڭلارنىڭ دەپ ، تۇققانلارنىڭ ئىسمىنى بىر_ بىرلەپ دەپ تۇرۇپ بەردىم. ئۇلارمۇ خۇددى شۇلاردىن ئالغاندەك خۇرسەن بولدى .
ھېيىت كۈنى ۋە بىر نەچچە كۈنگىچە گەرچە ئۆيىمىزگە ھىچكىم كەلمىسىمۇ ئۆيدە ئوخشىغان تاماقلارنى ئىتىپ ، چىرايلىق دەستىخانلىرىمنى سېلىپ باللىرىم بىلەن ھېيىت قىلدىم.
تاكى شۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە ئون يىل ھەش _ پەش دېگۈچە ئۆتۈپتۇ. بىز تەتىلگە ھېيىتتا چىقمايمىز. ھەر ھېيىتتا تاپقىنىمچە ئۆيدە ھېيىت قىلىپ ، تۇنۇش بىلىشلەرنى ، مەھەللىدىكى قوشنىلارنى ئۆزەم تۇنۇيدىغان بويتاق ئوقۇغۇچىلارنى زورلاپ چاقىرىپ ، ھېرىپ چارچاپ ھېيىت قىلىمەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن كىملەردىندۇ » سىز بەك ئەخمەق ھە ، مۇشۇنىڭ ئورنىغا باللىرىڭىز بىلەن بىر يەرلەرگە بېرىپ دەم ئېلىپ ئويناپ كەلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ھارمايدىكەنسز» دىگەن مەسخىرىلەرنى ئاڭلىغاندا پەقەت مىيقىمدا كۈلۈپ قويدۇم .
بارا_ بارا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تۇنۇشتۇم ، يېڭىدىن بىرمۇنچە دوسىت تۇتتۇم . ئەلۋەتتە دوسىت بۇلۇش ئۈچۈن ئورتاق پىكىر ، دۇنيا قاراش ۋە مىجەزىنىڭ ماسلىشىشى بەكمۇ مۇھىم .
مىنىڭ بۇ دوستلىرىممۇ ماڭا ئوخشاش ھېيىتتا ئىشىكنى تاقاپ قاچمايدىغان، ئائىلىسىدىكىلەرگە، باللىرىغا ھېيىت تەنتەنىسىنى ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھېرىپ _ چارچىغىنىنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان قىزلار ئىدى .
بۇلار بىلەن بىر ئارىغا كەلگەندىن كېيىن ھېيتىمىز تېخىمۇ خوشال ، قاينام _ تاشقىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئامال بار ۋەتەندىكى ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ، بىر_ بىرىمىزگە خاتىرلىتىپ ، ئۈگۈتۈپ تۇردۇق.
ئۇيغۇر بۇلۇپ ياشاشنىڭ تەمىنى ھەقىقىي ئۇيغۇرلۇقنى سۆيگەندە ئاندىن ھىس قىلغىلى بۇلىدۇ .
مەدەنىيەت بىر كۈندىلا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ.  نۇرغۇن ئادەتلىرىمىزنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىز بىر – بىرىگە ئۇلاپ، ئەجىر قىلغان . تىل بىر مىللەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا ، ئۆرپ _ ئادەتمۇ شۇنچىلىك مۇھىم . بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان ئۇمرۇتقىنىڭ ئىچىدە بىز بىلىپ بىلمەي تاشلاپ قۇيىۋاتقان ئادەتلىرىمىزگە يۇغۇرۇلغان مىللىي روھقا  سەل قارىماسلىق كېرەك.
بىز قەيەرگە بارساق شۇ يەرگە سىڭىپ كىتىدىغان ، شۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ماسلىشىپ كىتىدىغان ئەمەس ( ئەلۋەتتە ئىش ئورۇنلىرىمىزدا ماسلىشىپ ياشايمىز)، بەلكى
ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە ئۆرپ _ ئادەتلىرىمىزنى مۇقەددەس بىلىدىغان بولغاندىلا ئاندىن بۇ مىللەتنى ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە گۈزەللىكى بىلەن تۇتۇپ تۇرالايمىز، مىللىي روھىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.
2025. 6.8

جاۋاب يېزىش