ئامىنە ۋاھىت
سېغىنىشلىرىمنى ئاۋۇتۇپ
مۇساپىرلىقىمنى خاتىرلىتىپ
كۆزلىرى ياش ، كىرپىكلىرى نەم
بوينى قىسىق ھېيىت
يەنە
ئاستاغىنە ئىشىكىمنى چەكتى.
كۈلكەم بىلەن قارشى ئالدىم
ئۈمىتلىرىمنى چىرايلىق داستىخىنىمغا تىزدىم.
ئەسلىمىللىرىمنى ساڭزام بىلەن ئېشىپ
ئۇزۇن _ ئۇزۇن تىندۇرۋەتتىم.
ھەممىمىز قايتىدىن جەم بولىدىغاندەك
قاراڭغۇ كېچىدە تاڭ ئاتىدىغاندەك
تاتلىق ھاياجان بىلەن
ئۆيۈمنى گۈلدەك ياساپ
مېھرىمدىن ھور ئۆرلۈتۈپ
قەدىردانلىرىمنى كۈتتۈم .
كىملەرگىدۇر تەلمۈرگەن كۆزلىرىم بىلەن
بىردەم _ بىردەم
دېرىزەمدىن قاراپ باقىمەن
شامالدا تىرىقشىغان ئىشىكىمنى
يۈگۈرۈپ بېرىپ ئېچىپ باقىمەن .
ئىچىمدىكى ئۈمىتنىڭ ئاخىرقى پارچىللىرىنى
پىيالەمدىكى چايغا قۇشۇپ
بىر يۇتۇم _ بىر يۇرتۇمدىن
يۇتۇۋاتىمەن .
2025. 06 06
