گۈلناز ئابدۇقادىر
(راھىلە كامال تەرجىمىسى)
چوڭقۇر سوئاللار ھاياتقا جاۋاب،
ئەگىيدۇ سايىلارتىمتاس ھەم ئۇندا.
ئەڭ قارا كېچىدىن ئىزدەڭ يۇلتۇزنى،
ھەقىقەت ئاياندۇر مۆكۈنگەن نۇردا.
ھاياتقا بالىدەك قاراڭ بەزىدە،
شۇقەدەر ئاشكارا يانغان روھ كەبىي.
ھەر ياپراق، ھەر لەھزە، ھەر بىر نەپەستە،
يارىتىڭ گۈزەللىك بولغان تەبىىي.
ھاياتقا بىر دادىل يۈرەكتۇر جاۋاب،
سۈكۈتكە كۆمدۈرگەن ئارزۇنى ئېيتىش.
كەزمەكنى، ئۆرلەشنى، پەسلەسنى بىلىڭ،
چۈنكى بىر ئاندۇر بەزەن يوقىلىش.
ھاياتقا باتۇرلارچە بېقىشتۇر جاۋاب،
بىر تامچە دېڭىزدا ئوكيان كۆرۈنەر.
ھەيۋەتلىك تاغلاردىن ئېتەكلەرگىچە،
يول قويۇڭ ئۇلارغا سىزنى بۈيۈتەر.
ھۆر بىر زېھىندۇر ھاياتقا جاۋاب،
ئۇپۇقنىڭ كەينىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
چەكسىز ئاسماندا، ئۆتكەن كۈنلەردە،
كېتەرنىڭ ئىلكىدىكى كەتمەسنى بىلىڭ.
كەچۈرۈش خىسلىتى ھاياتقا جاۋاب،
ھەر تاڭدا روھىڭىز كۈلسۇن ،ياشنىسۇن.
ئۆتكەن پۇشايمان، ئەتىكى تەشۋىش،
ياشلاردا يۇيۇلسۇن، كۆڭۈل تىنجىسۇن.
چوڭقۇر سۆيگۈدۇر ھاياتقا جاۋاپ،
ھەر بىر نىگاھتا روھنى كۆرىسىز.
شادلىق، قايغۇ، يىتمەك، يېڭىشتا،
ئىنسانلىق بابىدىن دەرس ئالىسىز.
يۇمشاق كۆڭۈلدۇر ھاياتقا جاۋاب،
ۋاقىتنىڭ ئويۇنىنى ئويناڭ چىرايلىق.
تۇنجى نەپەستىن سون تىنىققىچە.
تۈگەش ئالدىدا تۇرغان ھەممىگ،
قويۇپ قويۇڭ يېڭى ھاياتلىق.