دوكتۇر لېنا ئامبېر
ئەنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: دىلدار ئەزىز
(بۇ شېئىرىمنى خەلقئارا خانىم- قىزلار بايرىمىغا ئاتىدىم)
ئۇلار ئىسمىمنى ئۆچۈردى،
ئورنىغا، باشقا تىلدىكى ناتونۇش، بىر ئىسىمنى قويدى
ئانام جەينامازدا شۇ تاپتا، زىكرى قىلاتتى ئاستا،
دۇئالىرى بىلەن پىچىرلاپ، چاقىرماقتا ئەسلى ئىسمىمنى قايتا.
ئۇلار ئاۋازىمنى بوغۇۋەتتى،
سۈكۈت بىلەن لەۋلىرىمنى تىكىۋەتتى.
بىراق شامال چىقىرالمىغان ئۈنلىرىمنى ئېلىپ كەتتى،
ئاۋازلىرىم. كۆك ئاسمانغا ئۇچۇپ كەتتى.
ئۇلار گۈللۈرۈمنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋەتتى،
باھاردىن بۇرۇن شېرىنگۈلۈمنى كېسىۋەتتى.
ئاشۇ چوڭقۇر تۇپراق ئاستىدا،
گۈللۈرۈمنىڭ يىلتىزى ئاجىزغىنە ئىڭرايتتى.
ئېسىمدە بار، مومامنىڭ ياغلىقى،
ئىدى ئۇ غورۇرىنىڭ تاجىسى.
ھازىر مانا تارتىپ ئېلىندى، چەيلەندى،
رەھىمسىز ئۇپۇق ئاستىدا، ئۇچماقتا قاردەك چاچلىرى.
ئاكىلىرىمنىڭ ساقال ھەم بۇرۇتلىرى،
ئىدى ئۇ ئەسلى ئېتىقادنىڭ سېمۋۇلى.
تىترىگەن قوللار مانا، چۈشۈرمەكتە ئۇنى،
رەھىمسىز قايچىلار كەسمەكتە ئۇنى.
ۋۇجۇدۇمدا ئاپىرىدە بولغان يىڭى ھاياتنى،
يالماۋۇزلار تارتىپ ئالدى، يوقاتتىم ئۇنى.
يالماۋۇز قانۇن يۇتىۋەتتى باغرىمنى،
ئاھ، بۆشۇكى يوق ئانا،
ئانىلىقى چەكلەنگەن ئانا!
بوغدى تۆمۇر توساقلار، دۇئالىرىمنى ،
ئىگىز تاملار توستى مىنىڭ ئاي نۇرۇمنى،
رامزان كەلدى، سۇبھىي نۇرى ئوغۇرلاندى.
زوھورلۇقسىز، ئىپتارسىز قالدئم مەن ئاخىرى،
لېكىن ھەمرا بولدى، ئېتىقاد ۋە ئۆمىد ماڭا.
ئۇلار توي كۆينىكىمگە سىرتماق ئورناتتى،
ئۆزۈم خالىمىغان قولنى تۇتۇشقا مەجبۇرلىدى.
مىقلاندى ئېتىقادىم، تېنىم، مۇھەببىتىم ،
مەن ئەزەلدىن قول قويمىغان. «ئەھدىنامىگە».
قولاق سالدىم—
شامال ھېلىمۇ پىچىرلىماقتا،
زىمىننىڭ ئېسىدە باسقان ئىزلىرىم،
دۇئانىڭ نۇسرىتى سۈكۈت ئىچىدە ياڭراق،
ئىشىنىڭكى، شېرىن گۈللەر،
ئېچىلار بىر كۈنى چېچىپ خۇشپۇراق.
2025-يىلى 3-مارتنىڭ 6-كۈنى
ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيە شىتاتىدا يېزىلدى