سەن قال چۈشۈمدە

مېھرىنسا ئىسمائل
بېشىمىزنى قويۇپتۇق يەرگە،
ئارىمىزدا نەۋرۇز چېچىكى.
بىلىشىمچە سولمۇش راۋۇرۇس،
تاسلا قاپتۇ قۇرۇپ قالغىلى.
قارچۇغۇمدىن سىرغىغان ياشلار،
تۆكۈلۈپۇ يۇمران بەرگىگە..
» تۇگىشەرمۇ؟»
سورىدىم سەندىن…
كۆزلىرىڭدە ئۈمىد نۇرلىرى.
بارماقلىرىڭ، بارماقلىرىم،
چىمەن ئۈستىدە،
سىلار ئېمىش يۇمران شېخىنى.
ىككى قولدىن ئاققان مۈھەببەت،
تۆكۈلەرمىش ئۇنىڭ چېېھرىگە
دەل شۇ سۆيگۈدىن كەلدى مۆجىزە،
باش كۆتۈردى سولغان يېشىللىق.
كۆزلىرىمدىن چاقنىدى ئۈمىد،
ھايات دەرىخى كۈلدى يېقىملىق.
چۈشلىرىمدە ھېچقاچان سېنى،
بۇنچە گۈزەل كۆرمىگەن ئېدىم.
ئويغانماقنى ىستىمەس كۆڭلۈم،
قال چۈشۈمدە
مەڭگۈلۈك سۆيگۈم.
يېشىل ھايات تۈندە ئويغاندى،
يىلتىز تارتىپ
يەرگە– يۈرەككە.
چۈشنى كىم دەر رېئاللىق ئەمەس،
پىلەكلەرمۇ يېتەر پەلەككە!
شۈكۈر كېرەك بەزى چۈشلەرگە،
تۈن ئۇلىنار نۇرلۇق سەھەرگە.
سۈكۈت قىلغىن ،
ئويغىنىپ كەتمەي.
دۇنيا تولسۇن گۈلگە چىچەككە.
2024. 22. دېكابىر . گېرمانىيە

جاۋاب يېزىش