مېھرىنىسا ئىسمائىل
ئاخىرەتتە سورىسا گەر پەرىشتە مەندىن:
– ئېيتقىن قىزچاق يۈرىكىڭدە نېمىدۇر ئىمان؟
مەن ئىيتارمەن پەرىشتىگە ھېچ ئىككىلەنمەي
گۈزەل ئىسلام ئىمانىمدۇر ، رۇسۇل تاراتقان.
ئۇ سورىسا مەندىن يەنە
كىمدۇر ئىگەڭ؟ دەپ.
كېسىپ ئىيتاي
– قادىر ئاللاھ ، سۈپىتى راھمان
بەلكىم سورار ئۇ زات مەندىن:
– ئەجدادىڭ كىمدۇر؟
بېرەي جاۋاپ غورۇر بىلەن :
– باتۇر ئوغۇزخان.
سورىسىكەن مەندىن يەنە پەرىشتە سىناپ:
—نەدىن كەلدىڭ، كىندىك قېنىڭ تامچىغان ماكان؟
تەييار ئىدىم قول كۆتۇرۈپ جاۋاپ بېرىشكە:
– ئۇدۇر ئانام
ئەۋلادىنى پاك سۈتتە باققان.
ئۇدۇر ئاتام
ئاي – يۇلتۇزنى كۆكلەرگە يايغان.
ئۇدۇر ھەقتىن ئامانەت بوپ
بىزلەرگە قالغان.
باغرى زەرداپ غەزەپكە
ئاچچىققا تولغان،
گۈزەل قوينى
شېھىت قېنى بىلەن بويالغان،
ھېچ باش ئەگمەي دۈشمەنگە
مىختەك قادالغان،
جان تەسەددۇق جەننەت كەبى
شەرقىي تۈركىستان.