تەزىيەنامە
تۈنىگۈن( 2025- يىلى 2-ئاينىڭ 17 كۈنى، ياۋروپا ۋاختى كەچ سائەت 20 دە) بىز دۇنيا ئانا يازغۇچىلار بىرلىگىنىڭ ئاۋانگارت ئەزاسى، جورنالىست، گۈزەل شىېرلىرى بىلەن، ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەن، ئۆز ئىسمىغا ئوخشاش مېھرىبانلىغى بىلەن، پەرزەنتلىرىگە، يولدىشىغا ۋە دوستلىرىغا قوياشتەك ئىللىقلىغى بىلەن تونۇلغان، ئۇچراشقان، سۆھبىتىدە بولغان ھەر بىر كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز ھۆرمەت ۋە گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاۋانگارت شائىرىمىز مېھرىنىسا ئىسمائىل خانىمدىن ئايرىلىپ قالدۇق.
مۇسىبەت ئازابى بىزنىڭ تىلىمىزنى كىكەچ، قوللىرىمىزنى ئىشقا بارماس قىلىپ قويدى. گەرچە ھەممىمىزگە «ئاللاھنىڭ يارىتىشى بىلەن بۇ دۇنياغا ئاپىردە بولۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كىتىدىغان»لىقىمىزدەك بىر ھەقىقەت ئايان بولسىمۇ، بىراق بىز ئەنە شۇنداق بىر ئېسىل ھەمشىرىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىشتەك ببىر ئەمەلىيەت بىزنىڭ يرىگىمىزنى قاتتىق ئازاپلىماقتا.
جانابىت ئاللاھدىن ھەمشىرىمىز مېھرىنىسا ئىسمائىلغا جەننەت ئاتا قىلىشنى تىلەيمىز.
ياتقان يېرىڭىز فىرداۋىس جەننەتتە بولسۇن سۆيۈملۈك ھەمشىرە ! نۇرلار ئىچىدە، گۈللەر ئىچىدە ياتقايسىز. بىز سىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز. مېھرىنسا،مېھرىبان ھەمشىرىمىز مېھرىنىسا نۇرلار ئىچىدە ياتقاي.
ئامېن!
(مېھرىنىسا ئىسمائىل خانىمنىڭ گېرمانىيەنىڭ فرنكاورت شەھرىدە يولدىشى كۆرەش ئاتاخان ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقنا بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە ئايرىم ئۇچۇر بىرىلىدۇ)
دۇنيا ئيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىگىدىن