كەل، مۇزلىغان قەلبىمنى ئىسىت

مېھرىبان باراتىۋا

كەل، مۇزلىغان قەلبىمنى ئىسىت،
ئۆچكەن گۈلخان چىرسىلدەپ يانسۇن.
كەل، ئەستىن چىققان تۇيغىلار ھەتتا ،
قايتا ياشناپ، قايتا ئويغانسۇن.
كەل سوۋىغان كۆڭلۈمنى ئىللىت ،
قىسمىتىمدىن زارلىمايمەن ھېچ.
دىلىم ئامراق مېھىر تەپتىگە،
تەپتىڭ بىلەن سىرلىرىمنى يەش.
كەل سوۋىغان كۆڭلۈمنى ئىسىت ،
سوۋىغان سۆيگۈدىن يۇرمەي ئۆكۈنۈپ.
بەختىم پۈتۈن بولسا رازىمەن ،
مارجان كەبى كەتمىسەم تۆكۈلۈپ.
كەل، سوۋىغان كۆڭلۈمنى ئىسىت ،
مېھىر سۆيگۈڭنى دىلىمغا باغلاي.
ئىسىت، ئاخىر، ئارمان يامانغۇ….
بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز ئۆتەي.
كەل، سوۋىغان كۆڭلۈمنى ئىسىت!!!

جاۋاب يېزىش