ئانامنىڭ…

ئايگۈل« تامچە»

ساچلىرىمنى قارا دەيدىكەن،
قاراشتىنلا ئانامنىڭ ئىدى.
سەن ئىپارسەن دېدى پەرزەنتىم،
ئۇ ئەسلىدىن ئانامنىڭ ھىددى.

بارلىغمنى ئۇ ماڭا بەرگەن،
باغلىرىمغا تۈمەن گۈل تەرگەن.
مەن ئەمەسمۇ مېھرىنى ئەمگەن،
ھەر بېقىشىم ئانامنىڭ چېھرى.

كۈلەلمەيمەن بالام كۈلمىسە،
يۈرەك كۆيەر بالام كۆي دېسە.
بارالمىدىم ئانام ئۈنلىسە،
ئانا مېھرى ، ئانامنىڭ مېھرى.

رازى كەتتى مەندىن ئېھتىمال،
ئىزلىدى ھەم كۆزلىرى ۋىسال.
كۆرەلمىدى ئاخىرقى ئىقبال،
ئارمانلىرىم ئانامنىڭ ئىدى.

ئانام كەتتى ئارزۇ قالدۇرۇپ،
مۇھەببەتكە مىنى تولدۇرۇپ.
ئولتۇرىمەن شامى ياندۇرۇپ،
ئانا بولۇپ، ئانامنىڭ پەخرى.

جاۋاب يېزىش