ئايگۈل ئالىم (تامچە)
ئۆرتەندىڭمۇ ساتقۇنلىرىڭدىن،
دەردلەندىڭمۇ شاۋقۇنلىرىڭدىن.
تاغۇ – دەريا سالغاندا چۇقان،
سادا كەلمەي ئۇپقۇنلىرىڭدىن.
قان ھىدى بار داڭگاللىرىڭدىن،
قۇم باسقان بۈك ئورمانلىرىڭدىن.
چاك كەتتىڭمۇ جۇدالىقتا مىڭ،
بوغدا كەبى پالۋانلىرىڭدىن.
ئانا يۇرتۇم تىلىم كۆيىدۇ،
ساڭا بەرگەن ۋەدىلىرىمدىن.
ئوڭدا، سولدا دوستۇم دېيىشىپ،
دۈشمەنگە تىز پۈككەنلىرىمدىن.
سەن خارلىقتا قالغاندەك تەنھا،
سېنى سۆيگەن قالدى يېگانە.
يەر يېرىلسا دەپمۇ تىلىدىم،
نائەھلىدىن بولساڭ بىگانە.
2024 – يىلى 13 – سېنتەبىر