تاھىر تالىپ
بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا ،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانام سۈتى.
«خىزىر» بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم ،
تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ ساغلام پېتى.
شۇڭا، يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،
چۈنكى ، مەن ___ ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم .
تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل – چىمەننى ،
ئۆرۈلەر قىر بېشىغان سەۋر قاچام .
قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا ،
چىمەنگە قانات يېپىپ مەن ھەر قاچان .
چۈنكى ، مەن _ ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
دىلبىرىم قوي كۆزىدىن سۇ ئىچىمەن ،
دىلىدىن دىلىمغا نۇر- يورۇق ئېلىپ .
جاھالەت ھامىيلىرى چاڭ توزۇتسا ،
سانجىيمەن قوۋۇرغامنى پىچاق قىلىپ .
چۈنكى ، مەن -ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
رەقىبنىڭ مۇشتى ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس ،
ھەتتاكى قىلىچقا تىك بارالايمەن .
چېقىلسا قىلچە ئىززەت- ھۆرمىتىمگە ،
ھەتتاكى ئەۋلىياغا يانالايمەن .
چۈنكى ، مەن _ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
غۇرۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
بىھۇدە بوزەك قىلسا كىچىكنى چوڭ ،
ۋە ياكى مۇتۇھەملەر پەلۋان بولسا ؛
كۆز يۇمۇپ يۈرەلمەيمەن ئازغان ئۈچۈن _
ناتىۋان لەيلىقازاق قۇربان بولسا .
چۈنكى ، مەن- ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
ھوقۇقۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
ئېتىقاد ، ئەقىدەم بار ئۆزەمگە خاس ،
خەلقىمنىڭ رايىنى كۈچ – قانات قىلغان .
ئەقەللىي كۆزۈمدىن ئوت – ئۇچقۇن يانار ،
تەتۈرلىك ئىرادەمگە بولسا سۇلتان .
چۈنكى ، مەن -ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
ئەقىدەم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
ئادىمىي ئادەمكى مەن ئەلگە چاكار ،
لېكىن ، ھېچ بىرەرسىنىڭ قولى ئەمەس .
ئۆز كاللام ھامان مەھكەم ئۆز بوينۇمدا ،
جەڭچىمەن ، ھېچ كىشىنىڭ قۇلى ئەمەس .
چۈنكى ، مەن -ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
خىسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
غەزەلخان خەلىقم ئۈچۈن يازدىم قوشاق ،
ئىلھامنى ئاتا قىلغاچ خەلقم _ ئانام .
غەزەلسىز ياشىمايدۇ ئۇيغۇر دېگەن ،
يۇرتۇمدا ھەر بىر غەزەل بىر ئىمتىھان .
چۈنكى ، مەن- ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم ،
غەزلىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .