—— رەنا غۇپۇر ئەسەرلىرى ئىلمى مۇھاكىمە تور يىغىنىدىن تەسىرات خاتىرىسى
ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق
پىشقەدەم يازغۇچى دىلدار ئەزىز خانىمنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى ۋە رىياسەتچىلىكىدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى» نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن، « رەنا غۇپۇر ئەسەرلىرى تور ئەنجۈمەنى» دە ھاياتىمدىكى ئۈچ سائەت ۋاختىم تولىمۇ ھاياجان ئىچىدە ئۆتتى .
بۇ قۇربان ھېيتنىڭ 5-كۈنى، شەنبە ئىدى. شىركەت ئالدىراپ ھېيتتىن كېيىن بازار تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئەتتىگەن سائەت 8:00 دىن بۇرۇنلا باشلانغان ئىشقا ھېيتنىڭ ھاردۇقى يەتتىمۇ، بىرئاز كېچىكىپ بارغان بولدۇم. ھەممىمىز ۋەتەندىكى قۇربان ھېيتنىڭ تاتلىق ئەسلىمىلىرى ئىلكىدە ئۆز ئىشىمىزغا تۇتۇش قىلىۋاتاتتۇق. شۇ مىنۇتلادا تۇيۇقسىز ۋاتسئاپ گۇرۇپپىمىزدىكى بۇرۇنقى ساغلاملىق گۇرۇپپىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، بىزنىڭ ئائىلىدە ئالاھىدە ئورنى بار، پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تېنىم تاپماي ئىزدىنىۋاتقان مامكاپ ھەدىمىز، يەنى داڭلىق مۇھەررىر،شائىرە كۈندۈزئاي خانىم ياۋرۇپانىڭ ئۇ بۈرجىكىدىن بىزگە «ئەنجۈمەن باشلاندى» دەپ زۇمدا ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ ئەنجۈمەننىڭ ئۇچۇرلىرىنى بېرىپ ئۈلگۈردى.
ئەنجۈمەننىڭ خانىشى رەنا غۇپۇر خانىم ئايالىمنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان ۋەتەن سىرتىدىكى مەدەنىيەت-كۈلتۈرىمىزنىڭ «ئۈنچە» سى بولۇپ داڭ چىقارغان رادىئو-پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ يەنە «باھارغا خەت» «تاشلاندۇق چۈش» «پارىژدىكى مۈشۈك» قاتارلىق تور ئەسەرلىرىنىڭ ئىجادكارى، تور يازغۇچىسى ئىدى. رەنا غۇپۇر خانىمنىڭ كۈندۈلۈك قىسقا ئەمما تېتىملىق، يۇمۇرىستىك ۋە بەزىدە قامچىلىغۇچى، ۋە بەزىدە تور لۈكچەكلىرىگە نەشتەر بولۇپ سانچىلىدىغان يازمىلىرى، ۋە يەنە بەزىدە ئادەمگە ئىلھام بەخىش ئېتىدىغان ئىجابىي يازمىلىرى بىلەن فېيسبۇك يەنى يۈز بېتىدە تورداش ئوقۇرمەن (تورقۇرمەن) لەرنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالغان، ھەركۈنى ھاياتنى كۈلۈمسىرەش بىلەن باشلايدىغان، ھەقىقىي ئايال يەنى ئانىلىق ، خىزمەتچىلىك ھاياتىنى جىددىچىلىك بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەخلاقلىق ۋە پەزىلەتلىك ئايال ئىدى. ياپۇنچىغا قىزىقىشى ۋە تور خاتېرىلىرىدىكى ئۇچۇق پىكىرلىكى سەۋەبىدىن بىزنىڭ بەزى ئورتاق نوقتىلرىمىز بولسىمۇ، ئەمما رەنا خانىم يەنە مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىم بولغان ئايالىم مېھراينىڭ ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئىدى. بەلكىم بۇ نوقتا رەنا غۇپۇر خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنى قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇشۇمغا ۋاقىت يەتكۈزەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمگە تۈرتكە بولغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭسىزمۇ ئەسەرلىرىدىكى ھاياتقا ھەرزامان كۈلۈپ بېقىش، ئادەم ئاڭلىسىمۇ جېنى ئاغزىغا تىقېلىدىغان ئەشۇنداق نادىر، ھەر زامان ئۆلۈپ كېتىش خەۋىپى بار كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان، بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلام قالماي، يەنە بىر مەكتەپنىڭ ھېساپ باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئەڭ زىل ئىشلارغىمۇ يېتىشىۋاتقان بۇ باتۇر ئانا، ھەر زامان كۈندۈلۈك يازمىلىرى بىلەن قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئۇرۇن ئېلىپ، ھۆرمەت تاجىغا نائىل بولغان ئىدى.
كۈندۈزئاي ھەدەم ۋە رەنا خانىمدىن ئارقا- ئارقىدىن كەلگەن تەكلىپ بۇ ئەنجۈمەننىڭ مۇھىملىقىدىن دېرەك بېرەتتى. يىغىن باشلىنىشتىن نەخ بىر سائەت بۇرۇن، مامكاپ ھەدەم «باشلاندى» دېگەن ئۇچۇر بىلەن قولۇمدىن يانفۇنۇمنى چۈشۈرتمىدى. بىر سائەت ساقلاپ ئاخىرى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى ئىشىمىزغا تۇتۇش قىلايلى دېگەندە تور ئەنجۈمەنىمىز دەل سائەت 14:00 دە باشلاندى. مەن ئىختىيارسىز ئىشنى ئۇنتۇپ سورۇنغا پۈتۈن دىققىتىم بىلەن داخىل بولدۇم.
«دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى» نىڭ قۇرغۇچىسى دىلدار ئەزىز ھەدەمنى فېيسبۇك ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى تونۇيمەن. ئۆزى تولىمۇ تىرىشچان ۋە ئاكتىپ، پائالىيەتچان، ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر خانىملىرىدىن بىرى. گەرچە ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىش ماڭا نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما تور يازمىلىرىدىن، ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدىن ئۆزىنىڭ يېتىشكەن يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئىكەنلىكىگە قول قويغان ئىدىم. دىلدار ھەدىمىزدىكى دادىللىق بەزى ئەركەكلىرىمىزدىمۇ تېپىلمايدۇ.
2017- يىلى ئۆكتەبىردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا سەپىرىمىزدە مېنى ئالاھىدە ئىزدەپ كۆرۈشۈپ ياخشى كۈتۈۋالغان ئىدى. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ساھىپخانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكىدىن ئانچە تارتىنىپمۇ كەتمىدىم، ئەمما دىلدار ھەدىمىزدىكى ئەستايىدىللىق ئۇنى بىرئاز جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ سالام-سائەتلەردىن كېيىن ئەنجۈمەننىڭ مۇھاكېمە ئوبېكتى بولغان ئەسەرلىرىنىڭ ئىجادكارى رەنا خانىم بىلەن دىلدار ھەدىمىزنىڭ ھودۇقۇشلىرىنى يوق قىلىشقا تىرىشتۇق. سائەت 14:10 غىچە باشقا مېھمانلارنىڭمۇ كېلىشىنى كۈتۈپ تور ئەنجۈمەنىگە يېڭىدىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن سالاملىشىپ، دىلدار ھەدىمىزنىڭ بىر قوللۇق رىياسەتچىلىكىدە يىغىننى باشلىۋەتتۇق.
دىلدار ھەدىمىز ئالدى بىلەن رىيازەت چېكىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىكى زۇلمەتلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، مانا مۇشۇنداق تارىخىي ۋەزىيەتتە «دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى » نىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن تارىخىي ۋەزىپىنى يەنە بىر قىتىم تەكىتلىدى. بىرلىكنىڭ مۇشۇ «قەلەم كۆرىشى» ئارقىلىق تەپەككۇرىمىزنى يېڭىلاپ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرنىڭ يازغۇچىلىرى، مۇتەپپەككۇرلىرى بولمىغان، ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىدىغان كىتاپلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بولمىغان، ئۇيغۇرنىڭ تىلى تېخىمۇ بولمىغان بىر ھالەتتىن ساقلىنىش مەقسسىتىدە قۇرۇلغان «ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى» نىڭ مەقسىدى ۋە نىشانىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ھەربىر ئانىنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىشىنى، ھەمدە ئەڭ بۈيۈك ئىبادەت بولغان تەپەككۇر نېمىتىنىڭ قەدرىگە يېتىش، ھەر زامان ئوقۇش، ئويلۇنۇش، يېزىش، توختىماستىن ئىزدىنىش، ئانىلار ساپاسى ۋە ئاياللار ھۆر تەپەككۇرىنىڭ مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئۈندەيدىغان چىن سۆزلىرى بىلەن يىغىننى تەنتەنىلىك باشلاپ، يىغىن كۈن تەرتىپىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، قاتناشقۇچىلار رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرنى جېىكىلەپ ئۆتتى.
ھەر بىر تەكلىپلىك مېھمانغا بەش مىنۇتتىن سۆز ھەققى بېرىلىدىغانلىقى ۋە يىغىن ۋاقتىنىڭ ئىككى سائەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق ئانا يازغۇچىلار ئەنجۈمەنىنىڭ خانىشى رەنا غۇپۇر خانىمغا مېكرافۇننى تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭغا 15 مىنۇت سۆز ھەققى بەردى ۋە رەنا غوپۇر خانىمنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە بىر نەچچە سۇئال تاشلاپ كەتتى.
رەنا غۇپۇر خانىم ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر يازغۇچىلىق كەسپىي تەلىمى ئالمىغانلىقى، ئەمما ئوقۇشقا ۋە يېزىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى، توردا ئەسەر يېزىش ئىشىنىڭ تېخى بىر يىل بولا بولماي تورداشلارنىڭ قەلبىدىن بۇنچىلىك چوڭقۇر ئورۇن ئالالىشىغا ئۆزىنىڭمۇ ھەيران قالغانلىقىنى، بولۇپمۇ «داۋامى بار…» يازمىلىرىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىلغان ھېس- تۇيغۇلارنىڭ ۋە «ئەتە ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ» دىگەن ئەندىشىسى، ۋۇجۇدىدىكى شىپاسىز كېسەللىك بىلەن بولغان كۆرەشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا داۋاملىق، دەرھال، ھازىر يېزىش، يېزىۋىتىش ئىستىكىنى قوزغىتىپ، راست ۋەقە ئاساسىدا يېزىپ چىققان «باھارغا خەت» نىڭ قانداق پۈتۈپ چىققانلىقى، «پارىژدىكى مۈشۈك»كە ئاياللارنىڭ ھېسياتىنى ئىپادە قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىجادىي كەچۈرمىشلىرى، ھەتتا بۇ ھىكايىنى ئۈچ قېتىم ئۈچ خىل ۋارىيانتتا يېزىپ چىققانلىقىنى، «تاشلاندۇق چۈش» ئارقىلىق زىبانىڭ ۋەھىمىلىك كەچمىشنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئەسلىمىلىرىنى قانداق جانلاندۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قانۇن دوختۇرى بولغان دادىسى غۇپۇر ئەپەندىمدىن ئالغان خىزمەت ۋە ھايات تەسىراتلىرىنى، ھەمدە ئۆزى ئەڭ قىزىقىپ ئوقۇيدىغان رازۋېتكا ئەسەرلىرىدىن ئۆگەنگەن بەزى تېخنىكىلارنى ئەسەرگە قانداق يۇغۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرغانلىقىنى… سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن ياشاش ئىستىكىنى، ھەتتا ئەگەر قايتا تۇغۇلۇش ئىمكانىيىتى بولغاندا، چوقۇم يەنىلا ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش ئۈمىدىنى كىرىش سۆزلىرىدە ۋە يىغىن ئارىلىقلىرىدىكى قىستۇرمىلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى.
رەنا خانىمدىن كېيىن يىغىننىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمىنى، ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى مائارىپىنىڭ سەركىلىرىدىن بولغان ئابدۇراخمان سادىق ئەپەندى «<ئىزدىنىش> ژورنىلىدا ئېلان قىلغان رەنا غۇپۇر خانىمنىڭ <باھارغا خەت> ناملىق ئەسىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم » ناملىق ئوبزۇر ماقالىسىنى كۆپچۈلۈككە يوقىرى ماھارەت بىلەن سۇنۇپ، چۈشەنچىسىنى مۇنداق يەكۈنلىدى:
1.«باھارغا خەت» بىرىنجى شەخىس، يەنى «مەن تىلى» بىلەن بايان قىلىنغاچقا، ئەسەردە خۇددىي ئۆزىمىزنى يېزىۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقاندەك تەسىراتقا ئىگە بولىمىز، شۇڭلاشقا يېقىملىق.
2. ۋەقەلىك تولىمۇ تېز راۋاجلانغان.
3. كولمىناتسىيە نوقتىسى ئەڭ يۇقىرى گىرادۇستا، ھەتتا بىر قانچە كولمىناتسىيە نوقتىسى بار. (جەلىپكارلىقتىكى يۇقىرى ماھارەت)
4. ئەسەرنىڭ چىنلىقى.
5. ئەسەردە بايان قىلىنغان رېئال ھايات.
6. ئارتۇقچە تەسۋىر يوق.
ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنۇ تەكلىپلەرنى بەردى:
1.رېئال كىرىش ۋە ئاخىرلىشىش بولسا.
2. ئەسەرلەردە ھېچقانداق چىسلا يوق، تولۇقلانسا.
3. ئىملاغا دىققەت قىلىنسا، ئەمما بۇ تور ئەدەبىياتىدىكى ئومۇملاشقان كەمچىلىك.
ئابدۇراخمان ئەپەندىگە قايىللىقىمىزنى ئىپادىلەپ، رەنا خانىم ۋە دىلدار خانىم بىزگە ۋاكالىتەن رەھمەتلىرىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، يەنە توردا ئەسەر يېزىشنىڭ تولىمۇ جانلىق ۋە ئەركىن، چەكلىمىلەردىن خالىي، تەپەككۇر قۇۋۋەتلىنىپ ۋە ئىلھامغا يۈگەن سالمىغاندا ۋە دەرھال يېزىۋالمىغاندا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە پىكىرلىشىشلەر بولدى.
دىلدار ئەزىز ھەدىمىز ئىككىنجى تەكلىپلىك مېھمان ئۇيغۇر ئانا تىل قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئاۋانگارتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىرىشچان مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى، دوستۇم ئابدۇۋەلىي ئايۇپنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ئابدۇۋەلىي ئايۇپ قېرىنىدشىمىز ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ، ئۆزىنى خىتايغا تەسلىم بولۇشتىن ساقلاپ قالغان بىردىن- بىر كۈچنىڭ تۈرمە ھاياتىدا توختىماستىن ئېلىپ بارغان ئىجادىي تەپەككۇر ۋە شۇ چاغدا كاللىسىدا يېزىۋالغان ۋە چەتئەلدە نەشىر قىلغان ئۈچ كىتابى ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە تېخىمۇ ئېھتىياجى بارلىقىنى، بۇرۇختۇملۇقتىن قۇتۇلۇپ، روھىيىتىمىزدىكى ئاسارەتنى بىت- چىت قىلىش ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئانىلىرى بولغان ئاياللارغا سەھنە ھازىرلىشىمىز كېرەكلىنى، بولۇپمۇ نۆۋەتتە ھەرقايسى تەشكىلاتلاردا يېتەرلىك ئورۇنغا ئىگە بولالمىغان خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنىلىرىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جەمئىيەتتىكى «ئاياللار مەسىلىسى» نى ھەقىقى مەسىلە دەپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى،شۇنداقلا «دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى» گە ئوخشاش بىرلىكلەرنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، رەنا غۇپۇر ئىجادىيەتلىرى ھەققىدىكى كۆزقارشلىرىنى مۇنداق يىغىنچاقلىدى:
- تۈزۈلگەن جۈملىلىرى ئاددىي.
- ئەجنەبىيچە سۆزلەر ئىشلىتىلمىگەن، نوقۇل ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان .
- دېئالوگلار قىسقا،قىزىقارلىق .
- رېئاللىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپلا قالماستىن، يەنە رېئالىققا جەڭ ئېلان قىلغان.
رەنا غۇپۇر خانىمنىڭ ھايات- ماماتلىق كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئىككى- ئۈچ بەتتىن ئاشمايدىغان، سېلىشتۇرما تەپەككۇرلۇق ئەسەرلىرىدىن ئالغان روھىي ئوزۇقلىرىنىڭ ئۆز ھاياتىدا ئوينىغان رولىغا سەل قارىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان رەنا خانىمنىڭ سۆزلىرىدىن، ئەدەبىي ئەسەرگە يۇغۇرۇلغان كۆڭۈل رىشتىسىنىڭ ئىنساننى بىر- بىرىگە قانداق باغلايدىغانلىقىغا، يەنى ئانا تىلى بىلەن بايان قىلىنغان سۆزنىڭ كۈچىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق.
ئاندىن سۆز نۆۋىتى يەرشاردىكى ئەڭ بالدۇر ئويغىنىپ، يۇرۇق تاڭنى ھەممىدىن بالدۇر قارشى ئالىدىغان ئۇيغۇر بۇلبۇلى، ئۇستازىم پەرىزات غەيرەت خانىمغا كەلدى. پەرىزات خانىم ئۈچۈن ئەڭ كەيىپلىك ئىشنىڭ رەنا خانىمنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئاۋازلىق ئوقۇش ئىكەنلىكىنى، ھازىرغىچە 24 پارچە ئەسىرىنى ئوقۇپ يۇتىيۇب قانىلىغا قويغانلىقىنى، تىڭشارمەنلەرنىڭ تولىمۇ تەشنالىق بىلەن يەنە بارمۇ دەپ تىڭشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ دېلو پاش قىلىش، فانتازىيە، چىن تۇرمۇش ۋە يەرلىك شېۋىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك خاراكتېرىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ «پارىژدىكى مۈشۈك» كە ئاۋاز بېرىش ۋە «تىۋىشسىز پاكىت» تىكى پىرسۇناژلارغا گېزى كەلگەندە قەشقەرچە ئاۋاز بېرىۋاتىدىغانلىقى قاتارلىق تەجىربىلىرىنى تولۇپ تاشقان ھېسيات بىلەن سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىدا، تۇيۇقسىز تورى ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئۇ چاققىچە دىلدار ئەزىز ھەدىمىز ئۇستىلىق بىلەن مىكرافۇننى كېيىنكى تەكلىپلىك سۆز قىلغۇچىمىز، ھەتتا كېينكى ئانا يازغۇچىلار تور ئەنجۈمەنىنىڭ مۇھاكېمە ئوبېكتى بولغان «راھىلە كامال شېئىرلىرى» نىڭ ساھىپى راھىلە خانىم، تورنامى چىمەن دىيارغا خانىمغا تەقدىم قىلدى. راھىلە خانىم ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن گېپىنى شېئىرىدەكلا ئىخچاملاپ مۇنداق دىدى:
1. ئۇيغۇرلاردا شائىر ئاياللار كۆپ، پىروزا يازغۇچىلىرىنىڭ تولىمۇ ئازلىقىدەك بوشلۇقنى رەنا غۇپۇر خانىمدەك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تولدۇرىشى كېرەك.
2. رەنا غۇپۇر ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئەتكەن مۈشۈكنىڭ ئادەملەشتۈرىلىشىدىن ئىبارەت سېھرىي رېئالىزىم (مەنمۇ بۇ گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىمكەن) ئىپادىلىرى.
3. سىنا مونولوگلىرى، خىياللىرى ۋە ھەسەتلىرى.
4. تەپەككۇردىن ھالقىغان بايانلار.
شۇنداق قىلىپ سۆز نۆۋىتى كۈندۈزئاي ھەدەمگە كەلدى. ھەدىمىز تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى مۇنداق ئورتىغا قويدى: «تاشلاندۇق چۈش» تىكى، تىل ئىشلىتىش ماھارىتى،ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى، تۇرمۇش چىنلىقى ھەققىدە توختىلىپ، قۇرۇلما جەھەتتە تۈز بايانغا قىستۇرما بايان، ھەر ئەسەردە يەتتە پېرسۇناژنى يارىتىش ئارقىلىق ئومۇمىي جەمئىيەت خارەكتېرىنى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۆزىنىڭ «تاشلاندۇق چۈش» نى كۆزياشلىرى بىلەن ئۈچ قېتىم قايتا- قايتا ئاڭلاپ، يىغلاپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ، ھەممىمىزنىڭ تۇيغۇسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بولسا، ماڭا «يا ئاللاھ! نېمانداق كۆپ نېمەتتىن قۇرۇق قالغاندىمەن، ھە؟» دىگۈزىۋەتتى. مامكاپ ھەدەم، رەنا غۇپۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى جەلپكارلىقنىڭ ئاز دېگەندە يەتتە يەردە ئۆز جايىدا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى، ھەتتا «كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟» دېگەن مىساللار ئارقىلىق خاتېرلىتىپ ئۆتتى. ئاندىن چاتما رەسىمدەك سۈرەتلەنگەن «خېنەن خىتتايلىرى» قارا چۈش ۋە قارا ئىت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى چىن كۆرۈنۈشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىگىنى بايان قىلدى. ئوقۇرمەنگە «رەنانى چۆچەكچى مومىسى ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرگەن بولغىيمىتى؟!» دېگەن ئويغا سالىدۇ، دېدى ئۇ . سۆزىنىڭ ئاخىرىدىكى تەكلىۋىدە رەنا غوپۇر ئەسەرلىرىنىڭ بالدۇرراق سېنارىيەلەشتۈرىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.
يىغىن ئارلىقىدا دىلدار ھەدىمىز ياپۇنىيەدىن يىغىنغا خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ئىشتىراك قىلالمىغان مۇقەددەس نۇر خانىمنىڭ بېغىشلىمىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بولدى.
يەنە شۇ قۇياشنى ئەڭ بۇرۇن كۈتىۋالىدىغان دۆلەتتە ئۇيغۇرچە ياشاپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سامۇرايچە كۈرەش قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپدىشىم خەيرىنىسا ياسىن خانىمغا سۆز نۆۋىتى بېرىلدى ۋە ئۇمۇ توردىكى كاشىلا تۈپەيلى (بەلكى تىرىشچان پەلسەپە دوكتورى مۇختار ئاكىمىزنىڭ باشقا بىر تور يىغىنىدا بولۇپ قالغانلىقىدىنمىكىن-تاڭ) تازا سۆزلىرى ئوچۇق ئاڭلانمايۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ خەيرىنىسا خانىم رەنا غۇپۇر ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى ئىكەنلىكىنى، غۇربەتتىكى ھاياتىغا ئۇيغۇرچە مەنا قوشۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئىجادىي ئەسەرلەر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتتى.
شۇنداق قىلىپ يىغىن ناھايىتى يوقىرى كەيپىياتتا داۋام قىلدى. رەنا غۇپۇر خانىممۇ ئۆز- ئۆزىگە بولغان ھەيرانلىق بىلەن يىغىن ئىشتىراكچلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە قولاق سېلىپ، بىردە نېمە دېيىشىنىمۇ بىلمەي جىم-جىت تىڭشىسا، بىردە ھاياجان ئىلكىدە ئىجادىيەت جەريانىدىكى تېخنىكلىرىنى بىز بىلەن ئىختىيارسىز ئورتاقلىشىپ تاشلىدى.
ئەمدى سۆز نۆۋىتى پىدائىيالار ئېكرانىدىكى ھارماس تۇلپارى ، ئامېرىكىنىڭكالىفورنىيە شىتاتى، لوس ئانجىلىس شەھرىدە ياشاۋاتقان كومپىيۇتېر ئېنژېنېرى، ئىجتىمائىي ساھەدە ئۆز تالانتى بىلەن كۆزگە كۆرنۈپ، خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، خىتتاينىڭ «36 تەدبىر»گە قارىتا ئۆزىنىڭ 72 تەدبىرى بىلەن جاۋاپ قايتۇرىۋاتقان ھارماس ئاكىمىز مەۋلان ياسىن ئەپەندىم، ئۆزىنىڭ كۈندۈلۈك ھاياتىدا بىرەر يۈزدەك ۋاتسئاپ گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولغانلىغىنى، شۇ گۇرۇپىلاردا خەلقنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ چىقىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا «تاشلاندۇق چۈش» نىلا ئاڭلىغانلىقى، «باھارغا خەت» نى ئاڭلاشقا تېخى ۋاقتى يەتمىگەنلىكىدىن ئۆزرىسىنى بىلدۈرۈپ، ھازىر دۇنيانىڭ ئاش، نان بىلەن ئەمەس، قۇلاق بىلەن سەمىرىشكە قاراپ يۈزلەنگەچكە، رەنا خانىم باشلىق ئىجاتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن روھىي ھاياتىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرىش كېرەكلكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «رومان» ئاتالغۇسىنىڭ قامۇستىكى ئېنىقلىمىسىنىڭ « 16000 سۆزدىن كۆپ بولغان، يېڭى ۋە ئاجايىبات ژانېر» نىڭ رومان دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى سۆزلىۋىتىپ، ئۆزىنىڭمۇ داڭلىق ئىنگىلىزچە رومانلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان رومانپەرەسلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۆزىنىڭ يېزىلغان، ياسالغان نەرسىلەردىن كەسىپ ئادىتى بويۇنچە قۇسۇرلىرىنى تېپىپ چىقىپ، تەنقىد ۋە ئىجابىي پىكىرلىرىنى ئايىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ناھايىتى ئىجابىي پىكىردىن بىرنى بىرىپ شۇنداق دىدى: مۇھەممەد راشىدىن خەلقنى چۈشەنسۇن دەپ شېئىر يازسا، بەزى شائىرلار شائىرلار چۈشەنسۇن دەپ شېئىر يازىدۇ. رەنا غۇپۇر خانىممۇ خەلقنى چۈشەنسۇن دەپ ئەسەر يېزىپتۇ، مەن رەنا خانىمنىڭمۇ تېراگېدىيە خاراكتېرلىق ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەنجۈمەننىڭ كەيپىياتى بىردىنال كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، دىلدار ئەزىز ھەدىمىز مېكرافۇننى قىرغىزىستانلىق، «ئىپارخان » ژورنىلىنىڭ رىداكسىيە مۇدىرى، پىشقەدەم شائىرە، 70 ياشلىق ئىجتىمائى پائالىيەتچى، خەلچەم رەخىمۇۋا خانىمغا تەقدىم قىلدى.
خەلچەم خانىم نەۋرىلىرىگە سۆزلەپ يۈرۈپ رەنا غۇپۇر خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىز قوغلاپ تاپتۇرۇپ تىڭشايدىغانلىقىنى، «باھارغا خەت» نى ئوقۇپ «سۈبھى نېمىشقا ئۆلۈپ كېتىدۇ؟» دەپ ئۇنىڭ تېراگىدىيەسىگە چىداپ تۇرالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئېچىنىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ھەتتا يولدىشى، ئاتاغلىق رەسسام تەلئەت ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى» نىڭ لوگوسىنى لايىھەلەپ بەرگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىپتىخارلىق بىلەن بايان قىلىپ، بۇنىڭدىن كىيىن يەنە باشقا ئىشلاردىمۇ خىزمەتلەرگە ھەرقاچان تەييار تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سورۇننىڭ قانچىنجى كولمىناتسىيە نوقتىسىغا كەلگەنلىكى نامەلۇم. بىراق ھەممىمىز شۇ دەرىجىدە ھاياجان. ئەنە شۇ چاغدا رەنا غۇپۇر خانىم مېكرا فۇننى تالىشىپ تۇرۇپ ئېلىپ، يۈرەك سۆزلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«تاشلاندۇق چۈش» بىر دوستۇمنىڭ دوستىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقىي ۋەقەلىكىنى چۆرىدەپ يېزىلغان رېئال ھېكايە دىدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرىنىڭمۇ خېلى ئېغىر ئىكەنلىكى، ھەتتا ياپۇنىيەدە قۇچىغىدا كۆترىۋالغان بىر ياشلىق ئوغلىنى پەپىلىگەچ ئاشخانا ئېچىپ، تاماق ئېتىپ، ئۇنى خرىدارلارنىڭ ئالدىغا توشۇپ ۋە ئۇنى سېتىپ، خېرىدارلىرىغا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىپ، ھالال ئەجىر بىلەن بىر ئىككى يىل جاپالىق ئىشلەپ پۇل تاپقانلىقىنى، ئەمما تويۇقسىز ئورنىدىن تۇرالماي، پالەچ كېسىلى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقىندا، مېڭىسىدە ئۆسمە پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ داۋاسىنى ئىزدەپ قاتتىق جاپا تارتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ باتۇرلارچە ياشاپ، ئۆزى كۆرگەن قەيسەر ئاياللاردىن ھەۋەسلىنىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغچە ئۇيغۇر ئۈچۈن ياشاپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلۈشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقىنى، «مىڭ قېتىم تىرىلسەم، مىڭ قېتىم ئۇيغۇر ئايال بولۇپ ياشايمەن. ئۇيغۇرلۇقۇمدىن قىلچە ئۆكۈنمەيمەن!» دىگەن سۆزلىرى بىلەن ئەنجۈمەننىڭ كولمىناتسىيەسىنى ئەڭ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرىۋەتتى.
«سورۇننىڭ خانىشى رەنا غۇپۇر خانىمنىڭ كۆپچىلىك ئەڭ قول قويىدىغان سۆزى مۇشۇ بولىشى كىرەك» دەپ ئويلىدىم. «يات يەرلەردىمۇ ياخشى ياشاپ كىتەلىسەك، ھاياتتا ھەممىمىز قەھرىمان بولالايمىز!» دېگەن سۆزلىرى قولىقىم تۈۋىدە ئۇزۇنغىچە جاراڭلىدى. ياشاپ كېتىڭ، رەنا خانىم!
ياپۇنىيەدە 20 يىل ياشاپ ئۇيغۇرسىراپ كەتكەن مەكتەپدىشىم خەيرىنىسا ياسىن خانىم ھاياجان ئىلكىدە رەنا غۇپۇر «باھارغا خەت» ئارقىلىق يېڭى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئوبرازىنى ياراتتى. رەنا غوپۇر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى تولىمۇ ئاممىباب، دەپ قايتا تەرىپلەپ ئۆتتى.
ئەمدىلىكتە سۆز نۆۋىتى سورۇندىكى ئەڭ كونا دوستلىرىمدىن بىرى بولغان پىروفېسسور دوكتور مۇرات ئورخۇنغا كەلگەندە، ئۇزۇن گەپنى قىسقىلا قىلىپ «ئىزدىنىش ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان <پارىژدىكى مۈشۈك >تىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، مۇمكىن بولسا چەتئەلدىكى خانىم- قىزلارنىڭ قول-قول بولۇپ ۋەتەندىكى <شىنجاڭ ئاياللىرى> نىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى چەتئەل نۇسخسىنى چىقىرىشقا تۇتۇش قىلىشى لازىملىقى»نى ئېيتىپ ئۆتتى. بىلمىدىم، بەلكىم مۇرات ئورخۇن دوستۇممۇ «پارىژدىكى مۈشۈك» تەك «ئىستانبۇلدىكى مۈشۈك» كە ئۆزگۈرۈپ كىملەرگىدۇ نەچچە كۆيۈپ نەچچە پىشىپ يۈرگەندۇ بەلكىم.
بىرسىنى سۆيگەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىت-مۈشۈك بولۇپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتۇ بەلكىم… (چاقچاق). لېكىن بۇ ئالى مەكتەپتىكى دوستۇمنىڭ ئەينى چاغدا ئىنگىلز تىلىنى ئۆگۈنىمەن دەپ تېكىستلەرنى توختىماي يادلاپ، زاڭىقىنىڭ ئىنگىلىزلەرنىڭكىدەك تۆۋەنگە چۈشۈپ، كېڭىيىپ كەتكىنى راست.
ژورنالنىڭ گېپى تېشىلگەندىن كېيىن، دىلدار ئەزىز ھەدىمىزمۇ ئۆزىنى بېسىۋالالماي «بىز ئانىلار تورى ئارقىلىق ئاياللار دۇنياسىنى چۈشىنىشكە كۆزنەك ئاچىمىز!» دىدى. ئەمما بۇ ئەنجۈمەننى باشقۇرۇشتىكى ئۇستىلىقىدىن، ئاياللارنىڭ قوينىدىن تۆكۈلىدىغان ئىجادىيەت نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىرقانچە ئانا يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ شېخىنى لىڭشىتسا، سالغان بۇ ئىجادىيەت داستىخىنى خېلى نىمەتلەر بىلەن توشۇپ، ئۇنداق كۆزنەكتىن نەچچىنى ئېچىۋېتەلەيدىغانلىقىنى پەمىلىيەلەيدىغاندەك تۇرىمىز.
مۇشۇنداق يۇقىرى كەيپىيات ئىچىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىدىن ئۇيغۇرپەرۋەر يەھۇدىي ئايال، ئاننا خانىم دۇنيانىڭ قىزىق نۇقتىسى بولغان، ئۈچ مۇقەددەس دىننىڭ قىبلىگاھى بولغان ئىسرائىلىيەدىن قاتىشىپ، تەكلىپ بىلەن سۆز ئېلىپ تولىمۇ راۋان ئېنگىلىز تىلى بىلەن يۈرەك سۆزىنى ھاياجان ئىلكىدە ئىپادىلەپ مۇنداق دىدى:
«رەنا غۇپۇر خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېزراق ئىنگىلىزچىسىنىڭمۇ نەشىر قىلىنىشىنى، مۇمكىن بولسا ئىبرانچە تىلدىمۇ نەشىر قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى. دىلدار ھەدىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن رەناغوپۇر خانىم ئاننا خانىمنىڭ سۆزلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى.
دىلدار ھەدىمىز يەھۇدىي ئۇيغۇر پەرەس ئاننا خانىمنىڭ تىۋىتېردا ئاكتىپ پائالىيەتچان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ توختىماي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يېيىۋاتقانلىقى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىۋېلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېيتىپ، سورۇننىڭ كۆپ مىللەتلىك خەلقئارالىق كەيپىياتىنى كولمىناتسىيە نوقتىسىغا كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدى.
مانا مۇشۇنداق ھاياجان ئىلكىدە تۇرغىنىمىزدا، ئاۋىستىرالىيەدىن يېرىم كېچىدە كۆزىنى قىرىپماي ساپاسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ يېغىننى تىڭشاۋاتقان «ئاۋىستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسانبىلى» نىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق سەنئەت ئىجادكارى شۆھرەت تۇرسۇن ئاكىمىزغىمۇ سۆز نۆۋىتى كەلدى. ئۇ رەنا خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېخىمۇ دىرامماتىك تۈستە سېنارىيە شەكلىدە يېزىلسا، بىرلىكتە سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى ئېيتتى. رەنا غۇپۇر خانىم بىلەن ياپۇنىيەدە ئوقۇ پ، ئىشلەپ ئۆتكۈزگەن بىر يىم يىللىق ھاياتىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى تۇنجى سىدىسىنى ياپۇنىيەدە چقارغانلىقىنى ھاياجان بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئەمدىكى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان مۇھاجىرەتتىكى داڭلىق شائىرىمىز، مۇستەقىل زىيالىمىز ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندىمگە كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن ئەسەرنى ئوقۇپ، ئاندىن يازغۇچىسىنى ئىزدەيدىغان تەتۈر كېسىلىنىڭ بارلىقىنى، «پارىژدىكى مۈشۈك» نى ئوقۇۋەتكەندىن كېيىن، «بۇ بىر داڭلىق چەتئەللىك يازغۇچىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسىرى ئوخشايدۇ» دېگەن خىيال بىلەن «رەنا غۇپۇر» دېگەن ئۇيغۇر ئىجادكارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇغىنىدا، ئۆز كۆزىگە قەتئىي ئىشىنەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە بۇ سورۇندا ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن سىنارىيە … سىنارىيە… دېگەن سۆزلەرنى، ئەسەرنى چوقۇم سىنارىيەلەشتۈرۈش كېرەك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قىتىم تەكىتلىۋەتتى.
سورۇن تازا قىزىۋاتقاندا، يازغۇچى ئانىلارنىڭ ئىچىدىكى كەسپىي ئاخباراتچى ئالىيە خانىمغا سۆز بىرىلدى. كۆپچلۈك ئالىيە خانىمنىڭ يقىملىق ئاۋازى بىلەن رەنا غوپۇر خانىمنىڭ ۋە باشقا ئانا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاڭلاش ئىستىگىنىڭ بارلىغىنى ئىپادىلەشتى. ئالىيە خانىممۇ چوقۇم ئىمكانىيىتىنىڭ يار بىرىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلدار ئەزىز خانىمنىڭ تەكلىۋى بىلەن، تۇرسۇنئاي ئەخمەت خانىمغا سۆز نۆۋىتى كەلگەندە بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغانلىقىنى ئەمما، مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىدا بىرمۇ ئەدەبى ئەسەر يېزىپ باقمىغانلىقىنى ھەم بۇ يىغىنغا تەييارلىقسىز كىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەنا خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئايال پىروزا يازغۇچىلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. تۇرسۇنئاي ئەخمەت خانىم دىلدار ھەدىمىزنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىجابى باھالارنى بىرىپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.
سۆز قىلىش نۆۋىتى رەنا غۇپۇر خانىمنىڭ «پارىژدىكى مۈشۈك» نى پويېزدا ئوقۇغاچ جۈمەگە مېڭىپ، بېكەتتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن ھىدايەتۇللاھ قېرىندىشىمىزغا كەلگەندە ، رەنا غۇپۇر خانىمنىڭ «ھېكايەمنى ئوقۇغىنىڭىزغا ۋە ئىنكاس يازغنىڭىزغا رەھمەت، ئەمما، جۈمە نامىزىغا كېچىكىپ قالغانلىقىڭىزنىڭ ئۇۋالىغا مەن قالماي!» دېگىنىدە ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ھىدايەتۇللاھ قېرىندىشىز ئۆزىدە پەيدا بولغان پىسخىكىلىق بېسىملارغا رەنا خانىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئالغان روھىي ئوزۇقلار بىلەن تەسەللىي تاپقانلىقىنى ئېيتقىنىدا، نۇرغۇنلىغان نەرسىدىن قۇرۇق قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ ئۆتتۈم. ئاندىن يازغۇچىمىزنىڭ ئۈرۈمچى-توكيو-مېلبورن شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۈرۈمچى قىزىنىڭ ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان خەلق تۇرمۇشىغا لىق چىلانغان ئاممىباب تىلىغا تولىمۇ ھەيرانۇ-ھەس قالغانلقىنى ئېيتقىنىدا، رەنا خانىم دەرھال «دادىسى غوپۇر ئاكىنىڭ ھەر قىتىملىق تەتىللەردە پەرزەنتلىرىنى زەرەپشان دەرياسىنىڭ سۈيىنى قېنىپ ئىچىپ، يەركەن خەلقى بىلەن يېزا تۇرمۇشىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن جەنۇپقا <ھەيدىۋېتىدىغانلىقى> نى ئېيتىپ ئۆتتى. شۇ چاغدا مەنمۇ ئىختىيارسىز رەھمەتلىك دادامنىڭ بىزنى كېرىيەنىڭ قارقىي جاڭگىلىغا بىكارغا ھەيدىمىگەنلىكىنى تېخىمۇ بەكرەك چۈشۈنۈپ يەتتىم.
رەنا خانىم يېزىپ چىققان راست ۋەقەنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە قورقۇنۇشلۇق بۆلەكلىرىنى يېزىۋاتقىنىدا ئىپادىلەشتە كۆڭلى بارمىغان، لېكىن دادىسىنىڭ يېزىدىكى «زالىم ئېرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بىچارە قاتىل ئايال» غا، «ئېرىنىڭ بېشىغا كەكە بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، سەككىز يىل ، ئەگەر ياغاچ توقماق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا ئىككى يىل» ئازايتىپ، بىر قەدەر ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دېلونى ئېنىقلاش ئۈچۈن جەسەتنى گۆرىدىن قېزىپ، گەۋدىسىدىن ئايرىلغان باشنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئېلىپ كېلىپ، يۇقۇرى بېسىملىق قازانغا سېلىپ، سۆڭەك گۆشتىن تامامەن ئايرىلغىچە قاينىتىلغان جەرياننى يېزىشنىڭ ئىمكانسىز بولغانلىقىنى ئېيتتى. تېنىم شۈركەنگەن بولسىمۇ، ئەمما غۇپۇركامنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا «ئامېرىكا رازۋېتكا كىنولىرىدىكى ئاق چاپانلىق قانۇن دوختورلىرىدىن تېخىمۇ سۆيۈملۈك» بىلىندى، رەنا خانىمنىڭ دادىسىغا ۋە ئۆزىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىم ئاشتى. پەرىزات ھەدىمىزمۇ ئادەمنىڭ بەدىنىگە شىپىرىس بىلەن ھاۋانى ئۇرۇۋەتسە ئادەم ئۆلىدىغانلىقىدەك تەپسىلاتلارنى رەنانىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچراتقىنىدا «رەنا خانىم بۇلارنى نەدىن تېپىپ ئوقۇيدىغاندۇ؟» دەپ ھەيران قالىدىغانلىقنى ئېيتتى.
رەنا خانىممۇ «رازۋېتكا- دېلو ئەسەرلىرىنى ئاجايىپ قىزىقىپ ئوقۇيدىغانلىقى» نى ئېيتتى. دېمەك، ئوقۇغان ئەسەرلىرىنىڭ مېغىزىنى بىزگە چېقىپ بەرگەن ئىكەن.
سورۇننىڭ نەچچىنجى كولمىناتسىيە نوقتىسىدىن ئۆتۈپ كەتكىنىنى سەزمەي قالغان چېغىمىزدا، دىلدار ھەدەم ئىككى سائەتنى پىلانلىغان ئەنجۈمەننىڭ ئۈچ سائەتكە سوزۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن سورۇننى دەرھال يىغىشتۇرۇشنىڭ ھەلەكچىكىدە يۈرگىنىدە، ئەتراپتىكىلەرنىڭ تەلىپى ۋە مېنىڭمۇ تەلەپ قىلىشىم بىلەن ئاخىرى ماڭا سۆز نۆۋىتى كېلىپ قالدى. كەمىنە تەشەككۈرۈمنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان رەنا غۇپۇر ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالمىغانلىقىمغا مىڭ پۇشمان قىلغان بولسام، بۇ نېمەتتىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ -تىرمىشىپ ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى بولسىمۇ تېپىپ چىقىپ ئاڭلايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، «دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى» نىڭ قۇرۇلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئەنجۈمەنگە قېتىلغان يازارمەن- ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇڭدىشىشلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىمنى، بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى مەتبۇئات-نەشرىيات ئىشلىرىدا خۇددىي پاراچ ئەپەندىمنىڭ «ۋەتەنسىز كۈي» كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا ياردەملەشكىنىمدەك، بارلىق ئانا يازغۇچىالارغا ياردەمدە بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىمنى، ھازىر ئىشلەۋاتقان شېركىتىمدىكى ئىشلارنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئىشقا بىۋاستە ياردەم قىلالمىساممۇ، ئەمما قولۇمدىن كېلىشىچە خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، خەلقىمىزنىڭ قۇلاقتىن سەمىرىيدىغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادا مودا بولىۋاتقان پودكەست ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى يىغىپ، «تەدبىرباي رادىئو قانىلى»مغا ئىككى ئۈچ يىلدىن بېرى كىرىشىپ قالغانلىقىمنى، پەرىزات ھەدىمىزدەك ئۇيغۇرنىڭ بۇلبۇللىرى سايراپ خەلقنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزۈم تۇنجى بولۇپ فېيسبۇكتا نەخ مەيدان دەرسىنى باشلىغانلاردىن بىرى بولساممۇ، يېقىندىن بېرى پودكەستكە بېرىلىپ كەتكەنلىكىمنى ئەيتىپ، رەنا خانىمغا تور يازمىچىلىقى ۋە تارقىتىش ئىشلىرىدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقىنى ئەيتىپ ئۆتتۈم.
- خۇددى بىز 2013- يىلدىن بېرى ۋېچات، يۈزلەن تورى ۋە يۈزبېتىمىز ئارقىلىق كۈندۈلۈك تەرجىمىلەر قاتارىدا ئىككى ئۈچ بەتلىك تەرجىمە ئەسەرلىرىمىزنى توختىماي ئېلان قىلىپ، داۋامىغا ئىنتىزار بولغان ئوقۇرمەنلىرىمىزگە خىزمەت قىلىپ، خېلى ياخشى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمىزنى، ئابدۇۋەلىي ئايۇپ يازمىلىرىدەك ئىككى ئۈچ بەتتىن ئاشمايدىغان ئەسەرلەرنىڭ خەلققە بەكمۇ ياقىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا بۇ ئۇسلۇپنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۈم.
- مىللەتنىڭ ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە ئەلۋەتتە ئانا يازغۇچىلارنىڭ توختىماستىن ئىزدىنىشىگە، «دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى» داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاياللارغا ئىجادىي سەھنە يارىتىش ئۈچۈن «ئانىلار تورى» نى تخىمۇ ياخشى باشقۇرىشى، مۇمكىن بولغاندا «ئاياللار ژورنىلى» نى ۋۇجۇتقا چىقىرىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىگىمۇ بۆسۈپ كىرىشى، ۋە مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن سېنارىيە ئەسەرلىرىنىڭ كامچىللىقىدىن ئىبارەت بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى بىلدردۇم.
- «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى»نىڭ رەئىسلىرىدىن «ئەگەر مۈمكىن بولسا ئۇنىۋېرسېت پىرافېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەتتىن <ئىز> رومانىنىڭ سىنارىيەسىنى يېزىۋاتقانلىق خۇشخەۋىرىنى نەچچە يىل بۇرۇن ئاڭلىغانلىقىمنى، شۇڭلاشقا بۇ ساھەلەرنىمۇ تەپەككۇرى ئوچۇق ئانا يازغۇچىلارنىڭ تولدۇرۇش ئارزۇلىرىمنى ئېيتىپ، تېز خاتېرە قالدۇرغان ئۈچ ۋاراقلىق يىغىن خاتېرەمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، سورۇنغا يەنە بىر خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، گېپىمنى تۈگەتتىم.
يىغىن دىلدار ھەدىمىزنىڭ تەنتەنىلىك كەيپىياتتا، 8- ئايدىكى «راھىلە كامال شىرلىرى ئىلمى مۇھاكىمە تور يىغىنى» ئۇقتۇرىشى بىلەن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىر بىرىگە قىيمىغان ھالدا ئاخىرلاشتى. كۆپچىلىك كىلەركى ئايدىكى يىغىنغىچە پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىمۇ كۆپلەپ تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىشتى.
مەن ئاخىرىدا شۇنى ھس قىلدىمكى، بىز قەھرىمانلارنى ئۆتمۈشتىن ئەمەس، يېنىمىزدىن، ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك ئىكەن.
2021- يىلى، 7-ئاينىڭ 24- كۈنى( شەنبە)