تاشلاندۇق چۈش

رەناگۈل غوپۇر

(1)

سالام باھار.

               « باشتا كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ» دەپ ئاتىلار سۆزى بار. مەندەك جاھىل ئادەملەر تىرىشچانلىق بىلەن تەقدىرنى ئۆزگەرتىپ كېتەلەيمىز دەپ ئىشىنىمىز. ھالبۇكى ، بەزەن چاغلاردا ۋەياكى بەزەن ئادەملەرنىڭ تەقدىرى تىرىشچانلىققا ئۆزگىرىدىغان بولمايدىكەن.

        ساڭا بىر ھەشىرەمنىڭ ھاياتىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. بۇ ئايالنى مەن تونۇمايمەن. توغرىسى تونۇشقا پۇرسىتىم بولمايدۇ. ئۇ بىر نەچچە يىل ئاۋال باقى ئالەمگە سەپەر قىلغان. بۇ ھىكايىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن دوستۇمدىن بۇ ھەمشىرەمنىڭ ئىسمىنى سوراشمۇ خىيالىمغا كەلمەپتۇ. بۇ ھاياتنىڭ ئېچىنىشلىغىدىن بىر ئىچ ئاغرىقى تارتىپ قالدىم. ئاپام بىرەرسىگە ئىچىم ئاغرىدى دىيىشىمىزنى ياقتۇرمايىتتى.« ئاللاھنىڭ ئىچى ئاغرىسۇن، دەڭە بالام»دەيتى. بەلكىم مېنىڭمۇ يامان كۈنلەرگە قېلىشىمدىن ئەنسىرىسە كېرەك. ئىشقىلىپ بۇ ھاياتنى ساڭا سۆزلەپ بېرىشنى قارار قىلدىم. بولۇپمۇ دوستۇمنىڭ« مىجەزى سىزگە ئوخشايىتتى رەنا، ھىچبىر گەپنى ئۆتكۈزۋەتمەيدىغان، ھىچكىمگە گەپ ئۇتتۇرمايدىغان قىز ئىدى. بىللە بولساق كۈلۈپ بېشىمىز ئاغرىپ كېتەتتى » دىگىنىنى ئاڭلاپ، رەھمەتلىكنى تېخىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم. مىجەزىمىزنىڭ ئوچۇق يورۇقلىغى، شوخلىغىمىز قانداقتۇر خوشاللىقتىن ئەمەس، ئەكسىنچە غايەت زور بىر قايغۇنى يوشۇرىۋاتقانلىغىمىزدىن. باشقىلارنىڭ ئۇ ئاجىزلىغىمىزنى سېزىۋالماسلىغى ئۈچۈنلا ئۆزىمىزچە قەيسەر، يېڭىلمەس قىياپەتتە كۆرۈنمەكچى بولىمىز ، ئەمما يۈرەك پارە- پارە. بولدى گەپنى ئۇزارتماي.مەن  ئۇنى « لالە» دەپ ئاتاشنى قارار قىلدىم.

        بىر كۈندىلا لالە ئاپىسىز قالدى. ئاپىسىز قالغان يەنە ئاكىسى، ھەدىسى ۋە بىر سىڭلىسى تۆت بالا ئىدى. ياش ساغلام ئانىنىڭ تۇيۇقسىز كېتىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسەن. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى. ئەگەر ئاپىسى بۇرۇنراق يۈرىكى ئاغرىيدىغىنىنى بىلگەن بولسا داۋالىتىشقا قۇربىتى تامامەن يېتەتتى. ئەمما يۈرەك تىقىلمىسى شۇنچە تېز يۈز بەردىكى، ئاپا ھىچكىم بىلەن خوشلىشىشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى. دادىسى دالان ئۆيدە چىنە قاچا جاۋىنىنىڭ ئۆرۈلگىنىنى كۆرۈپ يېنىغا كەلگەندە ئايالىنىڭ بەدىنىنىڭ تۆۋىنى جاۋەننىڭ ئاستىدىن چىقىپ تۇراتتى. قارىغاندا ئۇ كېسىلى تۇتۇپ جاۋەنگە يۆلىنىپ قالغان، جاۋەن ئۇنى كۆتىرەلمەي ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىقىلغان. دادىسى ھازا ئېچىپ خوشنىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ، دوختۇرغا تېلىفون قىلىپ، مەكتەپكە قىزىنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتكەندە، ئۇ تەنەپپۇستا، بارلىق ئاپىسى ھايات بالىلارغا ئوخشاش مەيداندا دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتاتتى. سىنىپ مەسئۇلى، ياشانغان ئايال  ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى كۆزلىرى قىزارغان ھالدا ئۇنى چاقىرىپ كېلىپ خەۋەر ئلىپ كەلگۈچىنىڭ ۋېلىسپىتىدا ئۇنى ئۆيىگە يولغا سالدى. ئۇمۇ دادام كەلسۇن دەپتۇ، دەپلا ئويۇنغا قىيماي ماڭدى.

       14 ياش ، باھار، بىر قىزبالا ئۈچۈن ئانا نەقەدەر مۇھىم ھە!  ئەلۋەتتە ئانا ھەممە ياشتا مۇھىم. بىراق قىزبالىنىڭ بالاغەتكە يېتىۋاتقان مەزگىلىدە ئانىسىدىن سورايدىغان تالاي سۇئاللىرى بولىدۇ. ھىچبولمىسا ئانىسىغا قاراپ قانداق ئايال بولۇشنى ئۈگىنىدۇ. شۇڭا « ئانا كۆرۈپ قىز ئال » دەيمىز ئەمەسمۇ. ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەتمۇ بولمىدى. ئەگەر بۇنى بەختسىزلىك دىسەك ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق بەخىتسىزلىكلەرنىڭ مۇقەددىمىسى بولدى. ئۇ قىز دادىسى، توغىرىراقى ئاكا- ھەدىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئۇنىڭ خاراكتىرىدىكى دادىل، مۇستەقىل،قورقماسلىقنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، سەل ئۆز بېشىمچى بولىشىغىمۇ سەۋەپ بولدى. ئوقۇشى يامان ئەمەس. ئەمما ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا رايى يوق. ئۆزى ئىگىز بوي، زىلۋا ئەمما شىداق ئورۇق ئەمەس، چىرايلىق قىز ئىدى. مىجەزىنىڭ ئوچۇق يورۇقلۇغى قوشۇلۇپ ئوغۇللارنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان قىز بولىۋاتاتتى. تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنىڭ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇشىغىلا ئۇ مەكتەپتىن چىقىۋالدى. دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى نىمىلا دەپمۇ ئۇنى رايىدىن قايتۇرالمىدى. مەكتەپتە ئۇنىڭغا يوشۇرۇنچە كۆيۈپ يۈرگەن بىر نەچچە ئوغۇل ساۋاقدىشى بارمىغىنى چىشلەپلا قالدى.

   ئۆيدىكى تالاش تارتىش باشلاندى. ئۇ ئەمدى نىمە قىلىشى كېرەك؟ دادىسى ، ئاكىسى، ھەدىسى بىرسى بىرەر كەسىپتە ئوقۇسۇن دەيدۇ، بىرسى دۇكان ئېچىپ بېرىلى دەيدۇ، يەنە بىرسى بىرنىمە. ئۇنڭدىن سورىسا « مەن بىر نەچچە ۋاقىت ئوينايمەن » دىدى. ئەمما باھار، ئۇ ئوينىمىدى، ئۇ بازار كۈزەتتى. ئۇنىڭ مىجەزى بەك چىقىشقاق. شۇڭا دۇكان خوجايىنلىرى ۋە خېرىدارلار بىلەن ئاسانلا پاراڭلىشالايىتتى. شۇنداق قىلىپ نەچچە ئاي باشقا ساۋاقداشلىرى ئالىي مەكتىۋىنى تېپىپ بولغىچە ئۇ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇش يولىنى تېپىپ بولدى. ئۇ ئىچكىرىدىن مال ئەكىلىدىغان خىتايلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۈرۈمچىدە تازا ئاقىدىغان ، قىز ئاياللارنىڭ كېرەكلىگىنى ئەكىلىپ دۇكاندارلارغا توپ ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى. ئايال كىشىنىڭ پۇلىنى تاپماق ئاسان. ئۇ ئۆزىلا تىرىك مودىل. ساۋاقداشلىرى تېخى ئۆيىدىكىلەردىن تۇرمۇش پۇل ئېلىۋاتقاندا ئۇ بانكىدا قەرەللىك پۇل قويىدىغان بولۇپ بولدى.

        لالەنىڭ كۈنلىرى ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىۋاتاتتى. لالە باشلانغۇچنى ئۈچىنچى سىنىپقىچە خىتايچىدا ئوقۇپ كېيىن ئۇيغۇرچىغا ئالماشقان. خىتايچىسى ياخشى بولغاچقا ئىچكىرىدىن مال يۆتكەيدىغان خىتايلار بىلەن سۆزلىشىشتە پەقەت قىينالمايتتى. ۋەتەننىڭ باشقا يەرلىرىدىن كەلگەن پارچە ساتقۇچىلار تىل سەۋەپلىك قىينىلاتتى. شۇڭا ئۇلار لالەدىنلا مال ئېلىشىنى ئىشەنچىلىك ھەم قولايلىق كۆرەتتى. لالە مۇشۇنداق خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سۇدىكى بېلىقتەك سودىسىنى راۋان يۈرۈشتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. ئوتتۇرا مەكتەپ ساۋاقداشلار يىغىلىشى قىلىمىز دىگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندا، لالە ئازراق ئىككىلەندى. ساۋاقداشلىرى ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۇ بولسا يەككە تىجارەتچى. ھەرھالدا ئۆزىنى سەل كەمسىتكەندەك بولدى. ئەمما ھالال ئەمگەك بىلەن پۇل تېپىپ جېنىنى بېقىۋاتسا، بۇنىڭ نۇمۇس قىلغىدەك نىمىسى بار. ئۇ چىرايلىق ياسىنىپ ئولتۇرۇشقا باردى.

        باھار، دىگىنىمدەك لالە چىرايلىق قىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلىۋاتقان سودىسى تۈپەيلى ئۇنىڭ مودىدىن ۋە كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇشتىن خەۋىرى بار. شۇڭا ئۇ زالغا كىرگەندە ئالىي مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان قىز ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا توخو كاتىكىگە كىرىپ قالغان ئاققۇدەك كۆزگە چېلىقىپ قالدى. قىزلار ئۇنى ئورىۋېلىپ كىيگەن كىيملىرىنى تۇتۇپ كۆرەتتى. گىرىملىرىنى سورايتى. لالە بەكمۇ خۇشپېئىل. كىم نىمىنى سورىسا دەپ بېرىپ ، ھەتتا ئەرزان باھادا ئېلىپ بېرىشكىچە ماقۇل بولدى.

       بۇ پاراڭلارنى يەنە بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئىككى ئوغۇل بالا ئاڭلاپ تۇرىۋاتاتتى. بۇ ئىككىلىسى لالەنىڭ ئۇزۇن يىللىق ساۋاقدىشى ھەم لالەگە ئاستىرىتىن كۈيۈپ يۈرگىچىلەر ئىدى. ئىگىز بوي، كېلىشكەن، سەل يەڭگىلتەك كۆرۈنگىنى مەدىنىيەت سەنئەت ساھەسىدىكى ئىككى پىشقەدەمنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى، ئىككى قىزىدىن كېيىن تۇققان بىرتاللا بايۋەتچىسى، بىر ئۆيلۈك ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئاغزىدىن چىققىنىنى تەييار قىلىدىغان دىلشات، يەنە بىرسى قارا قاش، ئەقىللىقلىغى بىلىنىپ تۇرىدىغان ، دادىسى ئوقۇتقۇچى ئاپىسى دوختۇر قەيسەر. ئىككىلىسى لالەگە تېخى مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ باقمىغان. بۇرۇن كىچىك دەپ ئۇنىماسمىكى دىگەن ئەندىشىدە بولسا، ئەمدى ئالىي مەكتەپكە چىقتۇق دەپ لالەنى قوغلىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. قەيسەر كۆپ ئويلايدىغان ئېھتىياتچان بالا ئىدى. دىلشات تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش كېرەك دەپ بىرىنچى قول تانسىغىلا لالەنى تارتتى.

      لالە بىلەن ئىككىسى تانسا ئوينىغاچ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىشىپ قىزغىن مۇڭدىشىۋاتاتتى. قەيسەر كۆزلىرىنى باشقا ياققا بۇراپ تۇرسىمۇ يەنىلا شۇياققا قاراپ سېلىۋاتاتتى. بۇنى قىزلار توپىدىكى بۇ ئىشىقتىن خەۋىرى بار بەرنا كۆرۈپ تۇردىدە، قەيسەرنىڭ يېنىغا كېلىپ« ئىككىنچى قول تانسىدا ئىلدامراق بولغىن. لالەنى دائىم ئۇچرىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ. قولدىن بېرىپ قويما» دەپ رىغبەتلەندۈردى. ھالبۇكى بىرىنچى قول تانسا تۈگىشىگە دىلشات لالەنىڭ يېنىدىن كەتمەي سوڭدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭنىڭ ئاخىرىنى قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ كۈلكىسى قەيسەرنىڭ قۇلىقىغا پۈشتەك چالغاندەك ئاڭلىنىپ بىئارام بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە تانسىنى لالە دىلشات بىلەنلا ئوينىدى. قەيسەر غەيرەت قىلىپ تارتىۋالاي دىسە دىلشات ئۇششۇقراق، ئەگەر ئىككىسى تارتىشىپ قالسا ئۆزىنىڭ لالەنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىت تىت بولۇپ پۈتكۈل ئولتۇرۇش جەريانىدا ئورۇندۇقنى ساقلاپ ئولتۇردى. ھەتتا لالەنى كەچتە ئاپىرىپ قويۇشمۇ دىلشاتتىن ئاشمىدى. دىلشات ئوغۇللارنىڭ ئىىسقىرىتىپ قىلىۋاتقان چاقچاقلىرى بىلەن« داۋاي!» دەپ لالەنى ئېلىپ ماڭغاندا قەيسەر بىر ئاچچىق بىلەن قاراپ قالدىيۇ ، يەنە پۇرسەت بولىدۇ دەپ ئۆزىگە تەسەللى ئىزدىدى. ئەمما باھار، لالە تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە قەيسەرگە مەنسۈپ بولمىدى. پەقەت ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يېزىغا خىزمەتكە چۈشۈپ كەتكەن قەيسەر بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇيۇندەك يېتىپ كېلىپ، بېلىگە ئاق باغلاپ، تاۋۇتنىڭ ئالدى ئوڭ تەرەپ شادىسىنى كۆتۈرۈپ مېڭىۋالدى.

لالە شۇندىن كېيىن دىلشات بىلەن يۈرۈپ قالدى. بۇگەپ ساۋاقداشلار ئىچىدە شۇنداق تېز تارقالدى. قەيسەر بۇنى ئاڭلاپ لېۋىنى چىشلەپلا قالدى. بەرنا « بازار چاققاننىڭ بوپتۇ دە» دەپ ئويلىغانچە قەيسەرگە ئېچىندى.

        تۈنجى مۇھەببەت دىگەن بەك تاتلىق بولىدۇ باھار. لالە بىلەن دىلشات ئىككىسى ھەم بوي تۇرقى، چىرايى جەھەتتىن ماسلاشقان، لالە سودىگەر، دىلشات ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرسىلا ئۆيىدىكىلىرى ياخشى خىزمەتكە كىرگۈزۈپ قويالايدۇ. شۇڭا ھەممەيلەننىڭ بۇلارغا ھەۋىسى كېلەتتى.

        لالە ئىچكىرىدىن مال يۆتكەۋاتقان خىتايلارنىڭ سۆزىدىن ئەگەر ئىچكىردىن بىۋاستە ئۆزى مال ئەكىرىپ توپلا ئۆتكۈزسە پۇلنى ھەسسىلەپ تاپالايدىغىنىنى بىلدى. ئۇ چاغدا گۇاڭجۇنىڭ ئاق ئات ، قارا ئات دەپ ئىككى توپ سېتىش بازىرى بولىدىغان. پۈتۈن خىتاي ئۆلكىسىگە شۇ يەردىن مال تارقىلاتتى. سەنلا ماركىسىنى دەپ بەرسەڭ ھەممە نىمىنڭ يالغىنى بارتى. ئۇنى ئېلىپ باشقا يەردە ساتىدىغان بولساڭ، پۇل ساناپ بارمىقىڭنىڭ پېيى تارتىشىپ قالاتتى. شۇڭا لالەمۇ بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلماقچى بولدى.

          بۇ پىكىرى بىرىنچى بولۇپ ئاچىسىنىڭ چالۋاقىشىغا دۈچ كەلدى« ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟ ئەمدى كۇلىچىلىق قىلاي دەمسەن. ھېلىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي سودا قىلدىم  دەپ دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قويمۇدۇڭ» . دادىسى بىلەن ئاكىسىمۇ بۇ ئىشنىڭ خەتەرلىكلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ قوشۇلمىدى. ئەمما لالەمۇ بوش كەلمەي كۈندە دەۋېرىپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوچاق ئېتىشكە باشلىدى. ئاخىرى دادىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاكىسىنىڭ ئەندىشىلىك جېكىلەشلىرى، ھەدىسىنىڭ رازى بولماي بۇتناشلىرى بىلەن گۇاڭجۇغا يولغا چىقتى.

(داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش