ھايات بۇلىقى – ئانا

ئابلىكىم  داموللايوڧ


ھايات مەنبەسى – ئانا،
سەبىلەر تىنىقى – ئانا
مېھرىبان ھەم قەدىردانسەن،
بىز ئۈچۈن دايىملىق پاناھ.

ئانا، سېنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەپ،
بەخىت-ساادەت، شاتلىق ئۆمۈر تىلەيمىز
لاچىن كەبى پەرۋاز ئېتىپ، ئەركىلەپ،
ئىلھاملىنىپ، ئانا، سېنى كۈيلەيمىز.

كەچۈر، ئانا، سېنى پات-پات يوقلالمىساق،
ئىشقىمىزدا سېنى دايىم ئويلايمىز.
مېھرىڭ بىلەن يۇلتۇزلارغا گەر ئۇچساق،
دىل، يۈرەكتە، ئانا، سېنى ساقلايمىز.

ئاسماندىن ئاي بىلەن يۇلتۇزلار تېرىپ،
مارجانلىق گۈلدەستە بوينۇڭغا ئاسساق،
ئوت بولۇپ بىر ئۆمۈر مەشئەلدەك يېنىپ،
لاۋۇلداپ قەلبىڭنى، ئانا، ئىسسىتساق.

لەپۈلدەپ كۆكسۈڭدە تالمىسۇن يۈرەك،
ئالەم ئىچرە ساڭا شاتلىق تىلەيمىز.
ئېچىلدىڭ گۈل كەبى، سولمىسۇن پورەك،
 بىزمۇ سەن بىلەن، ئانا، گۈللەيمىز.

ئانا – ئۇشبۇ ھايات مەنبەسى،
ئانا – دايىم سەبى نەپەسى.
ئەزىز  مېھرى ئوخشار قۇياشقا،

پەرزەنتكە يىنىكتۇر ھايات ساۋداسى.

2020-يىلى ئالمااتا شەھرى،قازاغىستان

One Reply to “ھايات بۇلىقى – ئانا”

جاۋاب يېزىش