مۇيەەسسەر (خەندان)
ئۇ بىز تېتىپ باقمىغان تەم،
ھالۋىدەك تىلدا ئېرىپ كېتەمدىكىن؟
ئۇ بىز مېڭىپ باقمىغان يول،
پۇتلار ئۆزىنى قاناتتەك سېزەمدىكىن؟
ئۇ بىز تۇتۇپ باقمىغان خاتىرجەملىك،
كۆڭۈلنى تايىنى يوق غەملەر بېزەمدىكىن؟
ئۇ بىزنىڭ ئۆيىمىزدە ئىككى كېچە قونۇپ كەتكەن مېھمان،
توختاڭ!
قوللىرىغا ئېسىلىمەن ناتونۇشلارنى ئوخشىتىپ،
ئۇمۇ بىزدەك يىتتۈرۈپ قويغان تاڭنى ئىزدەمدىكىن؟
سادىر يامۇلنى تەشمەيدۇ،
نۇزۇگۇم قەشقەردىن كەتمەيدۇ،
يەتتە قىزلىرىم ئۆزلىرىنى تاغدىن ئاتمايدۇ، ياشايدۇ،
ئىپارخان خەنجىرىنىڭ بىسىدىكى «قىساس» دېگەن سۆزنى ئۆچۈرۈشكە باشلايدۇ،
كۆيدۈرۈلگەن تەنلەرنىڭ روھى قورۇنمايدۇ،
ئاققان قانلار ئاندىن تۇپراقتا قونمايدۇ….
مۇستەقىللىق دېگەن مەسجىدلەردىكى ئەزان،
مۇستەقىللىق دېگەن ئۈنلۈك ئاۋازلارنىڭ روزىدارلىقى.
مۇستەقىللىق دېگەن ئۇيغۇرچە كىتاب – ژۇرناللار،
كىچىك دوسكىلارغا يېزىلغام ئەدەبىيات دەرسىنىڭ تەييارلىقى.
مۇستەقىللىق دېگەن زورلانمىغان قىزنىڭ تويى،
ئاتا – ئانىلارنىڭ تويدىكى خۇشاللىقى.
مۇستەقىللىق دېگەن ئالىملارنىڭ ياشىشى،
دوختۇرلارنىڭ پۇل ئەمەس، جانغا قارىشى.
دېھقانلارنىڭ ئېتىزدا خالىغىنىنى تېرىپ،
باغۋەنلەرنىڭ بۇلبۇللار بىلەن تەڭ سايرىشى.
مۇستەقىللىق دېگەن توققۇز ئاينى تولدۇرغان بوۋاقنىڭ
دۇنياغا خاتىرجەم كېلىشى،
مۇستەقىللىق دېگەن جەم بولۇشلارنىڭ،
ئايرىلىشلارغا خاتىمە بېرىشى.
مۇستەقىللىق دېگەن تۈرمىلەرنىڭ يېرىلىپ،
ياخشىلارنىڭ قۇياش نۇرىدا قېرىشى.
مۇستەقىللىق دېگەن غۇرۇر، ئىپتىخار،
مۇستەقىللىق دېگەن ئېگىلمەيدىغان، سۇنمايدىغان زۇلپىقار،
ھەر كۈنى ياشىرىپ تۇرىدىغان كۆڭۈللەردە،
بىز بىلمەيدىغان، بىز كۆرۈپ تونۇيالايدىغان باھار.
«ئېتەكلىرىڭنى بەر،
چىڭ ئېسىلاي» دەيمەن، «بۇ قېتىم،»
مۇستەقىللىق دېگەن 100 يىلدىن كېيىنمۇ ئۆزگەرمەي چوقۇم
تۇرار شۇ پېتىم……