» سايلامدا كەڭ كۆلەمدە ئالدامچىلىق يوق»

باش تەپتىش بارر ترامپقا زىت ھالدا ، » سايلامدا كەڭ كۆلەمدە ئالدامچىلىق يوق» دەپ جاكالىدى.

باش تەپتىشى ۋىليام بارر مۇنداق دېدى: ئەدلىيە تارماقلىرى كەڭ كۆلەمدىكى سايلام ئالدامچىلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى بايقىمىدى ۋە 2020-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ قانداق كۈچلۈك ئاساسنى كۆرمىدى.
MICHAEL BALSAMO Associated Press
2020-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ، 12:15 دە

ۋاشىنگتون – باش تەپتىشى ۋىليام بار، پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىزچىل ، ئاساسسىز تەشەببۇسىنى رەت قىلىپ ، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 2020-يىلدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان سايلام ئالدامچىلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىتنى بايقىمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باررنىڭ بۇ سۆزى سەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ئۇنىڭ خوجايىنى ترامپنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە پرېزىدېنتلىققا سايلانغان جو بايدىننىڭ ئاقسارايدا ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا زىت بولدى.


ئىزاھات: ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ھەر قانداق بىر ئامرىكا گىراژدانى پىرزىدانتقا ئەمەس، دۆلەتكە سادىق بولىشى كىرەك. ئامرىكىدا ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھە قانداق بىر ئادەم، ئامرىكىغا ۋە ئۆزى مەسئۇلبولغان خىزمىتىگە چەكسىز سادىق بولىشى كىرەك. مانا بۇ ئامرىكا بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ قانۇنىنىڭ پەرقىي. باش تەپتىشى ۋىليام باررنىڭ قىلغىنىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىدىندۇر.


https://abcnews.go.com/Politics/wireStory/disputing-trump-barr-widespread-election-fraud-74497050

جاۋاب يېزىش