Skip to content
خېلى ئۇزۇندىن بىرى تارىخى ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن يۇنان ئەپسانىلىرى، رىم ئىمپىراتۇرىسى، سىپارتاك قاتارلىق كىنولارنى قىزىقىپ كۆرىمەن. « باھادىرنامە» نىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيمەن. ئاشۇنداق بىر ئەركەكلىك روھىنى سېغىنىمەن:
ئەگەر شۇ دەۋىرلەردە ياشىغان بىر ئانا بولغان بولسام، ئۈچ ئوغلۇم بىر قىزىم بولسا، ئوغۇللۇرۇمنىڭ چوڭىغا « كۆك» دەپ ئىسىم قويغان بولاتتىم. كۆك رەڭگە بولغان مېھرىم ۋە بۈيۈك ئاسمانغا بولغان تەلپۈنۈشۈمنى ئۇنىڭغا ئىسىم قىلاتتىم. ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمىنى « ئۈلكەر» قوياتتىم. كېچە ئاسمىنىدا ئەڭ يورۇق يۇلتۇز ، ئازماس نىشاننىڭ سىموۋولى بولاتتى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى « ھۆر» قوياتتىم. شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتىغان ھەر بىر كىشىگە مەڭگۈ قۇل بولماس روھنى ئەسلىتەتتىم، مەڭگۈلۈك مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئەسكەرتەتتىم. قىزىمنى « لەيلى » دەپ ئاتاشنى خالايمەن. مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلنىڭ نامى. نەپىس، نازۇك، ئېسىل نەسەبلىك.
ئۈچ ئوغلۇم بالاغەتكە يېتىپ ، ئالدىدىكى ئىككىسىنى ئۆيلەيمەن. ئەقىللىق، يېقىملىق قىزلارغا. ئەقىلنى لال قىلغىدەك ھۆسنى بولىشى كېرەك ئەمەس،بىراق زېرەك، سەزگۈر بولىشى زۆرۈر. ئوغۇللىرىم ئۇلارنى بېشىدا كۆتەرسۇن. ئۇلارنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرى ئوغۇللۇرۇمنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر بولسۇن. ئوغۇللۇرۇم ئۇلارنى ئار- نۇمۇسىنى قوغدىغاندەك قوغدىسۇن. ئاياللىرىغا يامانلىق بىلەن تىكىلگەن نەزەر ئوغۇللۇرۇم يۈزىگە دەسسەلگەن تاپان كەبى بولسۇن.
بىر كۈنلەردە ياۋ ئايىغىنىڭ تۇپرىغىمىزغا يەتكەنلىگى ھەققىدىكى شۇم خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئەزىز تۇپرىغىمىز، گۈل چېچەكلىرىمىز ياۋنىڭ پاسىق ئايىغىدا چەيلەيگەندە. زەمزەم كەبى سۈيى بار بۇلاق، دەريالىرىمىز قۇرۇشقا باشلىغاندا، شېرىن بال مىۋىلىك باغلىرىمىز قۇرۇغدالغاندا، يايلاقلىرىمىزدىكى مال چارۋىلىرىمىز قىرىلىپ تۈگىگەندە،پەرىشتە سۈپەت قىزلىرىمىز خارلىقتىن ئىڭرىغندا، ……..شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇللۇرۇم ۋەتەننى قايتۇرۇپ ئېلىش جېڭىگە ئاتلىنىش ئۈچۈن مەندىن رۇخسەت سوراپ ئالدىمغا كىرىدۇ.
» بېرىڭلار بالىلىرىم. مەن سىلەرنى مۇشۇ مىنۇتلار ئۈچۈن توققۇز ئاي توققۇز كۈن ۋۇجۇدۇمدا سەدەپ مەرۋايىت ساقلىدىغاندەك ساقلاپ، ئاچچىق تولغاقتا يورۇق دۇنياغا ئەكىلىپ، قېنىمدىن ھاسىل بولغان ساپ سۈتۈم بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان. ۋەتەن خورلۇق ئىچىدە ئاچچىق تولغىنىۋاتقاندا، ياتسا ئولتۇرۇپ، ئولتۇرسا قوپۇپ، قوپسا يۈگۈرەلمىگەن ئەركەك مېنىڭ ئوغلۇم ئەمەس.
بېرىڭلار بالىلىرىم. ئەڭ گۈزەل دۇئالىرىم سىلەرگە ھەمرا. سىلەرگە ئىسكەندەر زۇلقەينەيىن، پالۋانى رۇستەمنىڭ قەيسەرلىگىنى تىلەيمەن. دۈشمەن ئالدىدا تۈلكىدەك قۇۋ، بۆرىدەك سالماق، يىلپىزدەك چاققان، شىردەك قورقماس بولۇڭلار. سىلەرگە مۇقەددەس دىنىم يار يۆلەك. ساق كەلسەڭلار ئورنۇڭلار بېشىمدا، كېلەلمىسەڭلار مەيدەڭلاردا جاراھەت بولسۇن. – دەپ دۇئالار بىلەن كۆزلىرىمنى ياشلاپ يولغا سالىمەن. «
ئۇلار سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن كېچەيۇ كۈندۈز رەببىمگە دۇئا قىلىپ ئۇلارغا زەپەر تىلەيمەن. تاڭ سەھەرلىرى يامان چۈشلىرىم ئۈچۈن كېلىن قىزلارنى سەدىقە بەرگىلى چىقارتىمەن. گۈزەل چۈشلىرىم ئۈچۈن ئاللاھغا ھەمدۇ سانالار ئېيتىمەن. ئۇلار زەپەر قۇچۇپ سالامەت قايتىپ كېلەلسە قۇچاقلىرىمنى ئېچىپ ئۇلارنى« مەرھابا باھادىرلىرىم، قۇچقان زەپەرلىرىڭلارغا مۇبارەك» دەپ قارشى ئالىمەن. ياۋنىڭ قانلىرى چاچراپ داغ بولۇپ قاتقان يۈزلىرىگە مەڭزىمنى ياقىمەن. پىشانىلىرىدىن سۆيىمەن. قىلىچ تۇتۇپ قاتقان قوللىرىغا ، قان كەچكەن ئاياقلىرىغا لېۋىمنى ياقىمەن. ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىكى چاڭنى كۆزۈمگە سۈرتىمەن. ئەگەر بەختكە قارشى شېھىد بولسا، سەپداشلىرى سۇنغان قىلىچىنى، دوبۇلغا – ساۋۇتىنى باغرىمغا بېسىپ« مەرھابا باتۇرۇم، شېھىدلىك مۇقامىڭغا مۇبارەك» دەيمەن.
ئەنە شۇنداق ئەركەك روھىنىڭ قەلب خاندانلىغىمدا سۇلتان ئورنى بار. باشلىرىغا ئىپپەت نەپسىم بىلەن بېزەلگەن بەخت تاجى بار. دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نام « ئۇيغۇر» دەپ ئىسمى بار.