ئۇيغۇر يىڭىچە مۇئارىپ تارىخىدىكى تۇنجى مۇئەللىمە راھىلە خانىم (1917-1860)، ئاتۇش <ھۈسەينىيە> مەكتىپىنىڭ مۇئەللىمەسى بولۇپ، ئەينى چاغدا كىشىلەر ئۇنى ھەرمەتلەپ، موللا ئاچا دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ <ھۈسەينىيە > مەكتىپىدە 32 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ،ئىزچىل تۈردە قىزلارنى تەربىيەلەش بىلەن يىڭى مەكتەپ مۇئارىپىدا تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، تارىخ بەتلىرىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. ئۇ مۇئارىپنى ھاياتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مەزمۇنىي دەپ بىلگەن. مۇئارىپنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قىزلارغا، ئاياللارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى قىلىپ بىكىتكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت شۇ بۈيۈك خىزمەتكە ئۆزىنىڭ بارلىغىنى بېغىشلىغان ۋە ئۆمۇرلۈك ئەجىرىنى سىڭىدۇرگەن.
