ئىپارخاننىڭ ھاياتىدىن نۆۋەتتىكى، كېلەچەكتىكى خانىم – قىزلىرىمىزغا نەزەر

ئىپارخان يالغۇزلا ئاياللىق ئىپپىتىنى قوغدىغان ئىپپەت قەھرىمانى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋەتىنى ، مىللىتى، مەزلۇم خەلقى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش يولىدا جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويغان « مۇرەسسەسىز، كەسكىن ۋە غۇرۇرلۇق » بىر تارىخىي قەھرىمانىمىزدۇر! ئىپارخاننىڭ شەخسىي ھاياتىدىن بىر مۇكەممەل ئايالنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان شاھانە ئەسەر پۈتسە، سىياسىي ھاياتىدىن بىر گىگانت داھىينىڭ ئوبرازى پۈتىدۇ !

نۆۋەتتە مىللىتىمىزنىڭ خانىم – قىزلىرى ۋەتەندە خىتايلارغا مەجبۇرىي يەم بولۇپ كەتمەكتە! ئۇلار ھەتتا نومۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقىمۇ قادىر ئەمەس! ئەسلىدە قىز – ئاياللارنىڭ ئىپپەت – نومۇسىنى قوغداش بىزدەك ئەركەكلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىدىغۇ!؟
بىز تىرىك تۇرۇپ خىجىل بولماي « ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۋېلىڭلار ! » دەپ شەرمەندىلىك ۋە پەسلىك قىلامدۇق!؟ ياكى ئاخىرقى بىر ئەركەك قالغۇچە بۇ نومۇسنى قانلىرىمىز بىلەن يۇيامدۇق!؟

« ۋەتەندە مەجبۇرىي خىتايلارغا ياتلىق قىلىنىپ، نەسلىمىز قۇرۇش خەۋپى تۇغۇلغاندا، چەتئەللەردە قىزلىرىنى چەتئەللىككە، بولۇپمۇ تۈركلەرگە بېرىش مودا بولماقتا ! قېنى سىلەر ئاقساقاللار !؟ ۋەتەندە خىتايغا ئايلاندۇرسا، ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەپلەشتۈرۋەتسەك، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيەلەردە تۈركلەرگە قوشقوللاپ سۇنغىلى تۇرساق، ئۆزىمىزنىڭ يىگىتلىرىگە كىم قالىدۇ!؟ ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى كىم تەربىيلەيدۇ!؟ ئۇيغۇرلۇقنى قوغدايدىغان ئانىلار چەتئەللىككە خوتۇن بولسا، بۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھالاك قىلغانلىق بولماي نېمە !؟ مەن ئىپارخاننى بىكارغا ھازىرقىدەك ۋاقىتتا گۆردىن قېزىپ چىقمىدىم ! دەل مۇشۇ خىل روھ يوقىلىپ كەتمىسۇن ! مۇشۇ خىل ئاياللار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن دەپ 10 يىلغا يېقىن ئىزدەندىم!
1765 – يىلى 15 – ئۆكتەبىر ئۆز ۋەتىنىگە سىغمىغان، ئادەمدەك ياشىيالمىغان يەتتە قىزلىرىم ئۆزلىرىنى تاغدىن تاشلىۋالدى. 1766 – يىلى 19 – ئاپرىل ئىپارخان ئۆلتۈرۈلدى. نەتىجىدە قەھرىمان ئاياللىرىدىن، باھادىر ئوغلانلىرىدىن ئايرىلغان زۇلمەتلىك زاماندا ياشاپ قالغان نازۇگۇم 1830 – يىلى 10 – ئايدا قەشقەردىن تاكى 1500 كىلومېتىر يىراقتىكى ئىلى ۋادىسىغا يالاڭ ئاياغ مۇزداۋاندىن ئۆتۈۋېتىپ، پۇت – قوللىرىدىكى ئېغىر كىشەننى مىڭ تەستە سۆرەپ مېڭىپ، بار ئاۋازى بىلەن :
« دەريا سۈيى لاي بولدى، سۈزۈپ ئىچەر ئەل بارمۇ!؟
نۇزۇك بېشىغا كۈن چۈشتى، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ !؟ »
دەپ نالە قىلدى. بىراق ئاسمان – زېمىننى لەرزىگە سالغان بۇ قايغۇلۇق پەرياد قەشقەر – خوتەننى، ئىلى – ئاقسۇنى لەرزىگە سالالمىدى.
چۈنكى باھادىر ئوغلانلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشىدىغان قەھرىمان ئانىلار، ئىپارخانلار ۋە يەتتە قىزلىرىم تۈگەپ كەتكەنىدى! شۇڭلاشقا مۇھاجىرەتتىكى خانىم – قىزلار، بولۇپمۇ كىندىك قېنى ۋەتەنگە تۆكۈلگەنلەر كاللاڭلارنى سىلكىپ، ھوشۇڭلارنى تېپىڭلار ! ئۆزۈڭلارنىڭ قەدىر – قىممىتىنى بىلىڭلار ! ئازغىنە پۇل – پۇچەك ۋە ئەرزىمەس ماددىي پاراۋانلىقنى كۆزلەپ يات مىللەتنىڭ ئەرلىرىگە ياتلىق بولماڭلار ! ئۇلارغا سىلەر بولمىساڭلارمۇ خوتۇن كەملىك قىلمايدۇ ! ئەمما سىلەر بىز ئۈچۈن بولمىساڭلار زادى بولمايدۇ ! بېلىق سۇسىز ياشىيالمىغاندەك، ئۇيغۇر يىگىتلىرى سىلەرسىز ياشىيالمايدۇ! تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلسا، ھايۋاناتلار تۈركۈملەپ قىرىلىپ كېتىدۇ ! ھازىر چەتئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر – ئاياللىق تەڭپۇڭلۇقى شىددەت بىلەن بۇزۇلۇۋاتىدۇ! بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تىلغا ئالغۇم يوق ! ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئىنساپ ۋە ئەقىل – ئىدراك ئاتا قىلسۇن !

« شىر ئۆز كەچمىشىنى ئۆزى يازمىغۇچە ئوۋچىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ!» 300 يىلدىن بېرى ئوۋچىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ كەلدۇق! ئۇ ھېكايىلەر بىزگە
قۇللۇقنى راۋا كۆرۈشنى، ئۆز ئارا غاجىشىپ، دۈشمەننىڭ ئايىقىنى يالىشىپ، بىر – بىرنى چانىشىپ، ياتلار بىلەن چىقىشىپ، ئۆز ئارا چېقىشىپ، ئاقىۋەت ئۆزئارا تىپىشىپ، دۈشمەن بىلەن پېتىشىپ ياشاشنى ئۆگەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا بۇنىڭغىمۇ رازى بولماي، « ئۇيغۇر بولغىنىڭ ئۈچۈنلا، گېرمانىيىدەك بەش چىقىدىغان بۇ بەرىكەتلىك ۋەتەننىڭ ئىگىسى بولغىنىڭ ئۈچۈنلا سەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم !» دەپ غالجىرلاچە ھۇجۇم قىلدى ! دېمەك ئەمدى ئويغىنىپ، قارشىلىق قىلالمىغانلار يەر شارىغا يۈك، مىللىتىگە ئاپەت بولغان مەخلۇقلاردۇر !

ئىپارخان ۋاپاتىنىڭ 253 – يىللىق خاتىرە كۈنى ۋە
1441 – يىللىق « بارات كېچىسى » مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلەندى.

سايرام ئوغلانى

2019 – يىلى 19 – ئاپرىل جۈمە

جاۋاب يېزىش