ئانىلار بايرىمىغا ئاتاپ

بايرىمىڭىزغا مۇبەرەك بولسۇن جېنىم ئانا!

بارلىق مېھنەتكەش، جاپاكەش، بارىنى ۋە بارلىقىنى پەرزەنتلىرىگە ئاتا قىلغان ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

بالىلىرىنىڭ چىكىسىگە سۆيگۈ مېھرى بىلەن سۆيەلمىگەن،ئۇلارنى يۇرىگىگە تاڭالمىغان ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

پەرزەنت تەشنالىغىدا يۈرەكلىرى لەختە- لەختە قان بولۇپ ئېقىۋاتقان،»بالام قاچان كېلەركىن،» دەپ تەشنالىقتىن نۇرى قاچقان كۆزلىرى بىلەن يىللارغىچە ئىشكىگە تەلمۇرۋاتقان يىگانە ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

زۇلۇمدىن خورلىنىۋاتقان،لاگىرلاردە دەپسەندەچىلىكتىن يۈرىگى قان ، زەرداپقا تولغان،ئۆزى تۇرمۇلاردا كىسەل ۋە خورلۇق ئازاۋىنى تارتىۋاتسىمۇ،» بالام، بالا!، سەن نەدە بالام؟ سەن بولساڭمۇ بۇ زۇلۇمنى كۆرمىگىن بالام،»دەپ ئازاپلىق ئىڭراۋاتقان چارىسىز ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبەرەك بولسۇن!

مەنمۇ بىر ئانا، مەن ھەتتا نەۋرلىك بولغان بىر ئانىمەن. بىراق يۇقۇردا مەن تىلغا ئالغان ئانىلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ھەر بىر ئويلىغىنىمدا،يغرىگىم ئازاپتىن قاتتىق تولغۇنىدۇ. ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۇچۇن تېخىچە قولۇمدى ئۈنۈۇملۇكرەك بىرەر ئىشنىڭ كەلمىگەنلىگىدىن يۈرىگىم ئازاپلىق ھەسرەتكە تولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا جانابىي ئاللاھدىن تىزرەك ئەركىنلىك ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

ئەي جانابىي ئاللاھ!سەن ھەممىگە قۇدىرەتلىكسەن.ھەممىلا ئىش پەقەت بىر ساڭىلا ئاساندۇر. مەن سەندىن شۇنداق تىلەيمەنكى، ئانىلار بايرىمىدىن ئىبارەت شۇ بۇيۇك كۇندە، دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىنى باغرىغا تىڭىش، پىشانىسىگە مېھرى بىلەن سۆيۈشكە نىسىپ قىلغايسەن! ئامېېن!

پەرزەنتلىرىنىڭ يولىغا تەشنا بولىۋاتقان يۈرەكلەرنى تەشنالىققا قاندۇرغايسەن! ئامېې!

لاگىرلاردا، تۇرمىلاردا زۇلۇمدىن خورلىنىۋاتقان ئانىلارغا تىزراق ئاسايىشلىق،ئەركىنلىك ئاتا قىلغايسەن! ئامېن!

جاۋاب يېزىش