مانا بۇ ئەركىن دۇنيادىكى ھايات  

                                                                                            (  ئۆز مۇخبىرىمىزدىن  )

       ئەركىنلىكنىڭ، ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىگىنى، پەقەت ئەركىن ياشاپ باققان كىشىلەرلا بىلىدۇ. پەقەت ئەركىنلىك بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىگىنى، ئىنسان بولغان ئىكەن،ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق قىممىتىنى يارىتىپ ياشىشى كىرەكلىگىنىمۇ بىلىدۇ. يەنىلا شۇ ئەركىنلىك بولغاندىلا كىشىلەردە ئەركىن تەپەككۇر بولىدۇ. شۇنداقلا ئەركىن ياشاش،  ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن دۆلەتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسى بولىدۇ.

      ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمنىڭ مۇخبىرى، تونۇلغان رىياسەتچىسى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، گۇلجىھرە خوجا خانىمنىڭ ئۆزىنىڭ قەلىمى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق ئارقا- ئارقىدىن دۇنياۋىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشى،ئۇنىڭ ئايىلە ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى گۇلىھرەنىڭ خىزمىتى تۈپەيلىدىن ئەركىنلىگىدىن مەھرۇم قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ ياۋۇزلارغا قىلچە تىز پۈكمەستىن،   ئۆزىنىڭ قەيسەرلىگى، ۋە جاپالىق ئەمگىگى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەسرەتلىرىنى، تارتىۋاتقان خورلۇقلىرىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىگىلمەس جاسارىتىنى دۇنياغا نەمەيەند قىلىشىدىن دۇنيا ئەھلى ئۇنىڭغا قايىل بولدى.

                  يېقىندا يەنە گۈلچېھرە خوجا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلىرى بىلەن «خەلقئارا ئاياللار ئاخبارات فوندى» تەسىس قىلغان «ئاخباراتچىلىقتىكى جاسارەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. تەسىس قىلىنغانلىقىغا 30 يىل بولغان بۇ مۇكاپات چەكلەنگەن تېمىلارنى خەۋەر قىلغان، ئاياللارغا ئىنتايىن قىيىن بولغان مۇھىتلاردا خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئاشكارىلاش قىيىن بولغان ھەقىقەتلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا رول ئوينىغان ژۇرنالىستلارغا بېرىلىدىكەن. گۈلچېھرە ئۆزىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئادالەت ۋە ھەقىقەت ئۈچۈن ئىزدىنىش يولىدىكى كۈرەشكۈچىلەرگە ئىلھام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

          بىز گۇلچىھرە خوجا خانىمنى ئۇنىڭ يېقىندا ئېرىشكەن <ئاخباراتچىلىقتىكى جاسارەت> مۇكاپاتى بىلەن يەنە بىر قىتىم تەبرىكلەيمىز. ئەركىن دۇنيادا ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ شان شەرەپلەرنى قولغا كەلتۇرىشىگە بولغان تىلەكداشلىغىمىزنى بىلدۈرىمىز

 

جاۋاب يېزىش